ئىزدە تورى فىلىم ئىزدەش ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئىزدە توربېكىتى فىلىم ئىزدەش قانىلىنى ئەلالاشتۇرۇش شۇنداقلا توربېكەت ئاتامانلىرىغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئىزدە تورى فىلىم ئىزدەش قانىلىنىڭ فىلىم يىغىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئارقىلىق سىز توربېكىتىڭىزدىكى فىلىملەرنى ئىزدە تورى فىلىم ئىزدەش قانىلى ئىزدەش نەتىجىسى قاتارىدا كۆرسۈتۈپ ، بېكىتىڭىز زىيارەت مىقدارىنى كۆرىنەرلىك يۇقۇرى كۆتۈرەلەيسىز. بۇ ئارقىلىق بېكىتىمىز يىغىپ توپلىغان ئۇچۇرلىڭىز ، ئىزدە فىلىم ئىزدەش نەتىجە قاتارىدا كۆرۈنىدۇ ، زىيارەتچىلەر كۆرۈش ئۈچۈن فىلىمنى چەككەندە بىۋاستە سىزنىڭ توربېكىتىڭىزگە ئۇلىنىدۇ . سىزگە بىۋاستە ئېقىم مىقدارى باشلاپ بېرىدۇ .
ئەگەر توربېكىتىڭىزگە كۈندە ئىزدە تورىدىن 500 - 2000 ip غىچە ھەقسىز ئېقىم مىقدارى ئېلىپ كېلىشنى خالىسىڭىز تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ . زىيارەت مىقدارىڭىز ئاشسا ، ئەلۋەتتە توربېتىڭىزنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ . بىز ھازىرچە بىر خىل ئۆلچەمنى ئېلان قىلدۇق ، سىز شۇ ئۇسۇل بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ تەلەپكە لايىق بولغاندىن كىيىن ، بۇيەرنى چىكىپ كىرىپ ئادرىسنى تاپشۇرسىڭىز
توربېتىڭىزدىكى فىلىملارنىڭ تىزىملىك بېتىنى ھاسىل قىلىش
سىز توربېكتىڭىزدىكى فىلىملارنىڭ فىلىم نامى ، فىلىم رەسىمى ، فىلىم كۆرۈش ئادرىسى ، تەۋە تۈرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىدىن XML ھۆججىتى ھاسىل قىلسىڭىز . ياكىASP ,PHP بەت قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
XML شەكلى تۆۋەندىكى كود ئاساسىدا تەييار قىلىنسا بولىدۇ .
يۇقارقى كود ئىچىدىكى ‹ فىلىم مەنبەسى › دىگەن ئورۇنغا : ئەپەندىم ، چاك-چاك دىگەنگە ئوخشاش فىلىم مەنبە تور نامى چىقىدۇ .
‹ فىلىم كۆرۈش ئادرېسى › بۇنىڭغا فىلىم كۆرۈش بېتى ئادرىسى چىقىدۇ .
‹ فىلىم رەسىمى › بۇنىڭغا فىلىم رەسىمى چىقىدۇ .
‹ فىلىم نامى › بۇنىڭغا فىلىم نامى چىقىدۇ . مەسىلەن : ئانارخان ، كوردلار ۋادىسى پۇسۇ دىگەندەك
‹ تەۋە تۈرى ۋە رايۇن تەۋەسى قاتارلىقلار چىقىدۇ › بۇ ئورۇنغا فىلىم تۈرى ، مەسىلەن : ئىتوت ، كىنو ، كارتون ، ناخشا دىگەندەك تۈر ئۇچۇرى ۋە تۈرۈكچە ، شىنجاڭ ،ھىندىستان دىگەنگە ئوخشاش رايۇن تەۋەلىك ئۇچۇرى بوشلۇق ئايرىپ يېزىلسا بۇلىدۇ .
يۇقاردىكى كود ئىچىدىن ‹video› دىن ‹/video› غىچە بولغان ئارلىقنى تەكرار ئوقۇتۇپ ئۆلچەم ھۆججىتىنى ھاسىل قىلسىڭىز بۇلىدۇ .

ئۈلگە :
ئەگەر PHP بەت بولسا بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە XML فورماتىنى تۆۋەندىكىدەك بەلگىلەيسىز :
PHP بەتنى تەڭشەڭ ئۈلگىسى :

ئەگەر ASP بەت بولسا بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە XML فورماتىنى تۆۋەندىكىدەك بەلگىلەيسىز :
ASP بەتنى تەڭشەڭ ئۈلگىسى :
يۇقارقى ئۇسۇلدا تەڭشەپ ھاسىل قىلىنغان مۇزىكا تورى mtvناخشا قانىلىنىڭ php ۋە XML شەكلىدىكى بەت ئادرىسىنى كۆرۈپ باقساڭلار بۇلىدۇ .
PHP شەكلىدىكى : http://www.muzika.cn/index.php?c=mv&a=sitemap
XML شەكلىدىكى : http://www.muzika.cn/izda-video-site-map.xml
ئەسكەرتىش : فىلىم نامى ، تۈرى ، مەنبە ياكى رەسىم ، فىلىم كۆرۈش بېتى ئادرىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا تۆۋەندىكىدەك ( & ، " ، ' ، < ، > قاتارلىق ) بەلگە ، ھەرپلەر بار بولسا ماس ھالدىكى بەلگىگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا XML دا خاتالىق كۆرۈلىدۇ . PHP بەت بولسا ئادرېس ۋە باشقا ئورۇندا يۇقىرىقى ھەرپ بەلگىلەرنى htmlspecialchars() فونكىسيەسى ئارقىلىق ماس ھالدىكى بەلگىسىگە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ . پايدىلىنىش ئۇلانما ئادرىسى : http://www.w3school.com.cn/php/func_string_htmlspecialchars.asp
بېكىتىڭىز فىلىم كۆرۈش بېتىنى يۇقارقى ئۆلچەم بويىچە رەتكە سېلىپ بولغاندىن كىيىن بۇيەرنى چىكىپ كىرىپ ئادرىسنى تاپشۇرسىڭىز ياكى ياخشى چ چ توپىنى قوشۇۋېلىپ، چ چ توپىدا ئىلتىماس سۇنسىڭىز بولىدۇ . چ چ توپ نومۇرى : 660083
ئەگەر چۈشەنمىگەن مەسىلىلەر بولسا يۇقارقى چ چ توپىدا مەسلىھەت سورىسىڭىز ياكى 2842700 نومۇرلۇق چ چ بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . يۇقارقى تەڭشەكلەرنى قىلىش جەريانىدا تېخنىكىلىق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز بىزنىڭ تېخنىك خادىملار سىزگە ياردەم قىلىدۇ.
يېڭى بىر سەھنە ئېچىلىش ئالدىدا ، يەنە نىمىگە ئىككىلىنىسىز ، پۇرسەت غەنىمەت ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ !
ﺵ ICP ﺋﻪ . 10002606 - ﻧوﻣﯘﺭﻟﯘﻕ