ئىزدە توربېكىتى ھەققىدە

ئىزدە توربېكىتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى izda.cn تور نامىدا قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، زىيارەت مىقدارى تىز ئېشىپ 3 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر توربېكەتلىرى ئىچىدە كۆزگە كۈرۈنگەن، مۇقىم بولغان ئۇيغۇرچە ئىزدەش توربېكىتىگە ئايلاندى . ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ توردىن ماتېريال ئىزدەش قىيىن بولۇش، ئاستا بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇيغۇر تور ئابونتچىلىرىدا ياخشى تەسىر قالدۇردى.

2011-يىلى 2-ئايدا ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتى ئىزدە تورىنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىزدەش نەتىجىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قولايلىق ھەم ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقۇرى بولغان ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورىنى بارلىققا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ‹‹ ئىزدە 1.0 نۇسقىسى ›› نى تۈزۈپ چىقىش پىلانىنى بېكىتىپ، شۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا izda.com تور نامىنى سېتىۋېلىپ، ‹‹ ئىزدە 1.0 نۇسقىسى ›› دا بۇ تورنامىنى رەسمىي قوللىنىشنى بېكىتتى.

2011-يىلى7 -ئاينىڭ 20-كۈنى ‹‹ ئىزدە 1.0 نۇسقىسى ›› رەسمىي پۈتۈپ، ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىشقا باشلاندى. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ‹‹ ئىزدە 1.0 نۇسقىسى ›› رەسمى تورداشلارغا ئېچىۋېتىلدى.

ئېلان بېرىڭ ھەمكارلىشىڭ ئىزدە كودى بېكەت خەرىتىسى تەكلىپ بەرگەيسىز
www.izda.com