ئىزدەخەۋەر > شىنجاڭ >
روزىمەمەتنىڭ دۆلەتنى سۆيۈش توغرىسىدىكى ئائىلە تەربىيەسى
2016-12-28 15:24:14
12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى مەملىكەت بويىچە 300 مەدەنىي ئائىلىنى تەقدىرلىدى، روزى مەمەت ئائىلىسىمۇ بۇ قاتاردا تەقدىرلەندى.    40 ياشلىق روزى مەمەت جۇڭگو نېفىت – خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئېغىر ماي ئېچىش شىركىتى نېفىت ئېلىش 5 – رايونى 6 – گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس، مەملىكەت بويىچە تېخنىكا ماھىرى قاتارلىك شەرەپلەر ناملارغا ئېرىشكەن.    روزى مەمەت ۋە خۇرشىدە مەمەتئىمىن تونۇشقاندىن تارتىپ توي قىلغۇچە، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە ئۆزئارا يار – يۆلەك بولۇپ، جاپا ۋە راھەتنى تەڭ كۆرگەچكە، مۇھەببىتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقان. روزى مەمەت 23 ئىشچىسى بار بىر نېفىت ئېلىش گۇرۇپپىسىنى باشقۇرىدۇ، خۇرشىدە مەمەتئىمىن 35 ئوقۇغۇچى بار بىر سىنىپنى باشقۇرىدۇ.    ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسى ئوخشاشلا خوتەندە بولسىمۇ، ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش يولىنى توسۇيالمىدى. ئۇزاقراق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلسىلا، ئۇلار يۇرتىغا بېرىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.    ئۇلارنىڭ بىر قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتى بار، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مېھرىبان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى ئارقىلىق كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئىللىق ئائىلە قۇرۇپ چىقتى.    بىر كۈنى، ئۇنىڭ ئوغلى ئۈندىدار ئويناۋېتىپ تاسادىپىي دادىسىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆرۈپ قېلىپ، خۇشاللىقىدىن: دادامنىڭ ئىش ئىزلىرىكەن، دەپ ۋارقىراپ كەتتى ھەم پەخىرلەنگەن ھالدا ئۈندىداردىكى مەزمۇننى تولۇق بىر قېتىم ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇدى.    خۇرشىدە مەمەتئىمىن بۇ پۇرسەتتە ئوغلىغا مۇنداق دېدى: داداڭ مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر دادا، شۇنداقمۇ ئوغلۇم؟ ئۇنداقتا سەن قانداق قىلىشىڭ كېرەك؟ ئوغلى جاۋابەن مۇنداق دېدى: مەن ئۆيدە ساڭا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىمەن، مەكتەپتە ياخشى ئۆگىنىمەن.    دادىسىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، روزى مەمەتنىڭ ئىككى بالىسى كىتاب ئوقۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. بۇ يىل ئۇنىڭ ئوغلى قاراماي شەھىرىگە ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىز تىلى بويىچە ‹‹ئومۇمىي ماھارەت›› كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.    خۇرشىدە مەمەتئىمىن ھەمىشە قىزىغا: ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن، دەيدۇ.    ئۇلار بالىلىرىغا ئاغزاكى تەربىيە بېرىپ قالماستىن بەلكى ئۆزى ئۈلگە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. ئۇلارنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، جاپاغا چىداش، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇش، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش توغرىسىدىكى ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتى ئىككى پەرزەنتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.    توي قىلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، روزى مەمەت ئەر – خوتۇن ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ ئىناق ئۆتتى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەمىشە خۇشاللىق ئۈزۈلمىدى. ئۇلارنىڭ تەسىرىدە، ئوغلى بىلەن قىزى باشقىلارغا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتىلدۈردى.    روزى مەمەت مۇنداق دېدى: بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئائىلە تەربىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولۇشى ئۈچۈن تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ، رىقابەتكە توغرا يۈزلىنىشىمىز كېرەك.    خۇرشىدە مەمەتئىمىن ئېرى بىلەن تونۇشۇش ھېكايىسىنى تىلغا ئالغاندا، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ئېرىم بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار يىغىلىشىدا تونۇشقان. شۇ ۋاقىتتا، ئۇ ماڭا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىش قىيىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنىدى. ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ناھايىتى قىيىن ئىدى، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. مەن يادلاپ بولالمىغان تاق سۆزلەرنى كىچىك دەپتەرگە يېزىۋېلىپ قايتا – قايتا يادلىدىم، ئاخىر دۆلەتلىك ئىنگلىز تىلى 6 – دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم.    2002 – يىلى قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاشكارا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلدى. قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان 350 ئادەمنىڭ ئارىسىدا خۇرشىدە مەمەتئىمىن يېزىقچە ئىمتىھاندا بىرىنچى بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، قاراماي شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. بۇ ئون نەچچە يىلدا، ئۇ يەتتە قارار ئوقۇغۇچىغا دەرس ئۆتتى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسى شەھەر بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچى قاتاردا تۇردى، ئۇ يېتەكلىگەن بىر نەچچە ئوقۇغۇچى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، قاراماي شەھەرلىك ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسىدە 1 –، 2 –، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.(تامام)...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش