ئىزدەخەۋەر > شىنجاڭ >
ئايخېنىم شىركىتى ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-03 11:04:14

مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن فوتو خەۋىرى :

2016-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى دۆڭكۆۋرۈك زىياپەت زالىدا، شىنجاڭ ئىچ كىيىم ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا، نازپەرى يىپەك ئەتلەس ئىچ كىيىملىرىنى بازارغا سېلىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن شىنجاڭ ئايخېنىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2017-يىللىق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا نازىگۈل تۇرسۇن رىياسەتچىلىك قىلدى.

شىنجاڭ ئايخېنىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2017-يىللىق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ چۈمۈلە مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئارزۇ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، سىيما مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى، ئۈرۈمچى تۇغيار سودا چەكلىك شىركىتى، ئايزار سودا چەكلىك شىركىتى، يۇرۇڭقاش سودا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىچىلار ۋە كارخانا ۋەكىللىرى، پېشقەدەم ئۇستازلار، مېھرىبان ئانىلار ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، تىجارەتچىلەر، تور سودىگەرلىرى، ئايخېنىم شىركىتىنىڭ شىركەت دەرىجىلىك ۋاكالەتچىلىرى شۇنداقلا تاراتقۇلار ۋەكىللىرىدىن ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، نۇر تورى، باغداش تورى ۋە كارۋان تورى قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىنجاڭ ئايخېنىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئادىلە خانىم 2016-يىللىق شىركەت خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى ھەمدە يىپەك ئەتلەسنىڭ پايدىلىق رولى سۈپەتلىك ئىچ كىيىمنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە 2017-يىللىق ساپ يىپەك ئەتلەستىن ئىشلەنگەن، كۆكرەك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ئېنېرگىيەلىك ماگنىت ئورنىتىلغان، خانىم قىزلارنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان يىپەك ئەتلەستىن پايدىلىنىپ ئەنئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋىلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىنتايىن سىپتا، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە لايىھەلەنگەن 6 خىل رەڭدىكى يېڭىلىق مەھسۇلاتنى ئېلان قىلدى.

تەكلىپلىك مېھمانلاردىن ئىزدەن كارخانا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش پىروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىستىقبال سەھنىسى پىروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك يېتەكچىسى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنىڭ باكلاۋۇرى مۇھەممەت سۇلايمان ئىزدەن مۇئەللىم ئۈندىدار سودىسى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئارقىدىن شىنجاڭ مەشئەل كارخانا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، سودا ئەندىزە تەتقىقاتچىسى ياقۇپجان مەشئەل مۇئەللىم شىركەت ئىقتىسادى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

مۇۋەپپەقىيەت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، كارخانا باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلىگۈچى ۋە ئالى مەسلىھەتچى، ئۈندىدار سودىسى ۋە ئالدامچىلىق توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ ئۈندىدار سودىگەرلىرى ۋە خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ناتىق ئىمىننىياز ئىسلام مۇئەللىم سۆز قىلدى.

ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئون يەتتە يىللىق ئاۋاز ئارتىسى، تەرجىمان، ساخاۋەت سېپىدىكى مېھىر ئەلچىسى، يېڭىدىن سودا ساھەسىگە كىرىپ رىياسەتچىلىك ۋە تور سودىسىدا چاڭ چىقىرىۋاتقان پاتىمە ھەسەن ئۆگەن خانىم سۆز قىلدى ۋە يېقىملىق ناخشىلىرى بىلەن پائالىيەتنى قىززىتىۋەتتى.

ئايخېنىم شىركىتىنىڭ تەكلىپلىك مېھمانلىرىدىن ناۋا پىروگراممىسىنىڭ رېژىسسورى ئاسىمە خانىم ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىملىق ناخشىسى بىلەن مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئاخىردا ئايخېنىم شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئادىلە خانىم شىركەتنىڭ 2016-يىللىق سېتىش چېمپىيونلىرىغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

شىنجاڭ ئايخىنىم خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ناز پەرى ماركىسىدىكى ئىچ كىيىملەرگە ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىن ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ. قولايلىق ئۈندىدار دۇكىنى ھەم مۇقىم دۇكانلىرىڭىز ئارقىلىقمۇ يۇقارقى شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىپ يېڭىچە بازار شەكلىنى، يېڭىچە سودا بازىسىنى شەكىللەندۈرەلەيسىز، يېڭى مەھسۇلاتتا يېڭىچە روھ، يېڭىچە ئىلگىرلەش يۆنىلىشى بىلەن تەرەققىياتقا يۈزلىنىمىز، قېنى ئىككىلەنمەي تۆۋەندىكى ئۈندىدارنى قوشۇڭدە يېڭىچە قەدىمىڭىزنى باشلاڭ.

ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى:

18609048477

ئۈندىدار نومۇرى:

3115920048




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش