ئىزدەخەۋەر > شىنجاڭ >
نانبەگ قۇۋۋەت نانلىرى چاغانلىق يەرمەنكىدە تالاش-تارتىشتا قالدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 12:11:04

مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن خەۋىرى:

نانبەگ قۇۋۋەت نانلىرى ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن نان مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ مەخپى رېستىپتا يېقىلغان بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

نانبەگ يېمەك-ئىچمەك تەرەققىيات شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يۈسۈپجان ئەپەندى دەل مۇشۇ ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، جەمەتىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد ناۋايلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن خوتەن قىزىل گۈل قەنتى، پىننە گۈل قەنتى، ياڭاق، بادام قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر قوشۇپ يېقىلغان نانبەگ قۇۋۋەت نانلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇندى.

يېقىندا باشلانغان چاغانلىق مال سېتىۋېلىش يەرمەنكىسىگە نانبەگ قۇۋۋەت نانلىرىمۇ قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، يەرمەنكىدە نانبەگ قۇۋۋەت نانلىرىنىڭ يەرمەنكە ئورنىغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، خېرىدارلار ئاۋۋال تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن بەس-بەستە ئۆچرەتتە تۇرۇپ سېتىۋېلىشتى. يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان نانبەگ قۇۋۋەت نانلىرى ئۈرۈمچىدىكى تارماق دۇكانلاردىن يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ تۈگىگەچكە، بەزى خېرىدارلار ئۇزۇن بولغاندا بىر سائەت، ئاز بولغاندا يېرىم سائەت ساقلاشقا مەجبۇر بولدى. نانبەگ قۇۋۋەت نانلىرى ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە نامايەن قىلىپ، يەرمەنكىدىكى ئەڭ جۇلالانغان، ئەڭ كىشىنى جەلپ قىلغان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

نانبەگ يېمەك-ئىچمەك تەرەققىيات شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يۈسۈپجان ئەپەندى مۇنداق دېدى:

بىز ناۋايلىق كەسپىگە ئۈچ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلدۇق. بىز ناننى بۇرۇندىن تارتىپ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا يېقىپ كېلىۋاتقان. مەن زامانىۋىي ئۇسلۇب بىلەن ئەنئەنىنى بىرلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ خوتەن قىزىل گۈل قەنتى، پىننە گۈل قەنتى، ياڭاق، بادام قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر قوشۇپ يېقىلغان نانبەگ قۇۋۋەت نانلىرىنى خەلققە سۇندۇق، بۇرۇن كىشىلەر ناننى پەقەت قورساقنى تويغۇزۇش ئۈچۈن يەيتتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھەممەيلەن ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا باشلىدى، شۇڭا بىز ئالاھىدە ئىشلەپچىقارغان نانبەگ قۇۋۋەت نانلىرى ساغلاملىقنى قوغلاشقان كىشىلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بىز ئەڭ دەسلەپتە 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاق قوۋۇققا بىر دۇكان ئاچتۇق، بۇ دۇكاننى ئاچقاندىن كېيىن خېرىدارلىرىمىزنىڭ نانغا بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىپ كەتتى، چۈنكى بۇنىڭ باشقا نانلار بىلەن بولغان پەرقى بۇ بىر ساغلاملىق نېنى، خوتەننىڭ قىزىل گۈل قەنتى، پىننە گۈل قەنتى، ياڭاق، بادام قاتارلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، بىز دەل مۇشۇ قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى نانغا ئارىلاشتۇرۇپ يېقىپ چىقتۇق، ئۇزۇن ئۆتمەي بىز يەنە شياۋشىمېن، تۆمۈر يولى، شىخۇڭ غەربىي يولى قاتارلىق بىر قانچە جايغا ئارقىمۇ-ئارقىدىن تارماق دۇكان ئاچتۇق، ئۈرۈمچىدىكى تارماق دۇكان بەشكە، شىنجاڭدىكى تارماق دۇكان يەتتىگە يەتتى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە قەشقەر ۋە خوتەن قاراقاشتا ئىككى تارماق دۇكىنىمىز بار. بۇندىن كېيىنكى نىشانىمىز ئىچكىر بازىرىغا كىرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتۇش.

‏نانلارغا نان ئوخشايدۇ،

نانبەگ تەمى باشقىچە.

نان قەدرىنى كۆپ تارتتىم،

نانبەگنى مەن تاپقۇچە.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش