ئىزدەخەۋەر > شىنجاڭ >
تۇرسۇن ھامۇت ۋە ئۇنىڭ كۆپ مىللەتلىك لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى- تەڭرىتاغ تورى
2017-02-24 19:42:40
  ئەبەيدۇللا مۇھەممەتنىياز، مەختۇمگۈل تۇردى  بايىنغولىن ئوبلاستلىق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋىنچۆكىن يېزىسى دۈنداخۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇن ھامۇت كەنتتىكى ئىشخانىسىدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى خىزمەت خاتىرىسىنى رەتلەپ يېزىۋاتاتتى، دۈنداخۇن كەنتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كەنتتىكى لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن كۆرگىلى بولاتتى. ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى، خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتتە قۇرغان لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىدىكىلەر سۆزلىگەن لېكسىيەلەر ئەمەلىيەتنى، مېھىر – مۇھەببەتنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغانلىقتىن كەنت، يېزا، ناھىيە ھەتتا ئوبلاست تەۋەسىدىمۇ ھەممە ماختايدىغان قىممەتلىك لېكسىيەلەرگە ئايلانغانىدى.  بۇلتۇر 2 – ئاينىڭ ئاخىرى تۇرسۇن ھامۇت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى دۈنداخۇن كەنتىگە كېلىپ خىزمەتكە ئەمدى كىرىشىپ تۇرۇشىغا يېزىدا يەرلىك لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇ كەنتكە قايتىپ بېرىپلا ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ نۇتۇق قابىلىيىتى ياخشى دېھقانلارنى تاللاشقا باشلىدى. ئۇ ئىلغار پىكىرلىك بىر نەچچە ئايالنى ئۆز ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش قارارىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەنتنىڭ 2 – مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ھاۋاگۈل ئەركىننى، ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان گۈلچى دېھقان شياڭ يۆنەننى تاپتى. ئارقىدىنلا تۇرسۇن ھامۇتنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن كەنتتىكى يۈز – ئابرۇيلۇق ئەزىز مەمەت تاغىمۇ بۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى. مانا مۇشۇنداق ئىختىيارىي تىزىملىتىش ۋە تاللاش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئالتە ئەزاسى بولغان لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى قۇرۇلدى.  بۇ لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئەترەت ئەزالىرى لېكسىيە تېزىسىنى ئۆزلىرى يازدى، تۇرسۇن ھامۇت ياردەملىشىپ تۈزىتىپ بەردى ھەم ئۇلارغا لېكسىيەنى قانداق سۆزلەش توغرىسىدا مەخسۇس كۇرس ئاچتى، ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا تۇرسۇن ھامۇت يەنە يېڭى چارە ئويلاپ چىقتى. ئۇ ھەر كىمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مۇكەممەل ئۆگىنىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئايرىم تەربىيەلەش، بىر قېتىم كوللېكتىپ تەربىيەلەش ئېلىپ بارغاندىن سىرت، ئۇلارنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرى ۋە سىياسىي ئۆگىنىشلىرىگە سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەپ، لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ نەزەرىيەۋى ساپاسى ۋە لېكسىيە سۆزلەش سەۋىيەسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆستۈردى.  تۇرسۇن ھامۇت مۇنداق دېدى: پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن يىراق سەپەرگە چىقىپ باقمىغانلىقىنى بىلدىم، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلىرىمۇ مېنى تەسىرلەندۈردى، كېيىن ئۇلارنىڭ كەنتتىكى ئاياللارغا ئۆزلىرىنىڭ ساغلام ۋە مەدەنىي تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى سۆزلەپ بەرگۈسى بار – يوقلۇقىنى سورىدىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇرتداشلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى توغرىسىدا ئورتاقلىشىشنى خالايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى بىرقانچە قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە ئۇلارنىڭ ئاددىي – ساددا سۆزلىرى ئامما بىلەن بولغان ئارىلىقنى پىكىرلىشىش ۋە تۇرمۇش جەھەتتە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى توغرىسىدىكى لېكسىيەلەر ئېتىز – قىرلاردا، يېزىدا، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئارقا – ئارقىدىن ياڭراپ، كىشىلەرنى روھلاندۇرۇپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى.  ھاۋاگۈل ئەركىن تۇرسۇن ھامۇتنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئوقۇغۇچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۇرسۇن ھامۇت ئاكا ئەمەلىيەتچىل، قابىلىيەتلىك، كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان كىشى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ياخشى سىردىشىمىز.  لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شياڭ يۆنەننىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولۇپ، خوتۇنى كېسەل سەۋەبىدىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، ئادەتتە گۈل ئۆستۈرۈپ سېتىشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتى. تۇرسۇن ھامۇت ئائىلىلەرگە كىرىش جەريانىدا شياڭ يۆنەننىڭ ناخشا ئېيتىشقا ماھىرلىقى، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغانلىقى ھەمدە ئېغىز گارمونى، گىتار چالالايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇشۇ لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىگە كىرىشىنى تەلەپ قىلدى. تۇرسۇن ھامۇت شياڭ يۆنەننىڭ رېپېتىتسىيەگە ۋە لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىگە خاتىرجەم قاتنىشىشى ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كەنتتىكى، يېزىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئۇنىڭ تەشتەكتە ئۆستۈرگەن گۈل گىياھلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، گۈللىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شياڭ يۆنەن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگەندە تۇرسۇن ھامۇت ئۇنىڭ تەلەپپۇزلىرىنى بىر – بىرلەپ تۈزىتىپ بەردى، ھازىر ئۇ لېكسىيەنى ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولدى. مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردا بۇ ئىككىيلەن يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى.  دۈنداخۇن كەنتىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىدىكىلەر ئۆز ئەتراپىدىكى ئادەم، ۋەقە ۋە پۇقرالارنىڭ سۆزى ۋە قەلب ساداسىنى سۆزلىدى شەخسنىڭ قالتىس ھېكايىلىرى دۈنداخۇن كەنتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، جەسۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان زور كۈچ ھاسىل قىلىندى. ...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش