ئىزدەخەۋەر > شىنجاڭ >
ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللانى زىيارەت
مەنبە : نۇر تورى
2017-02-25 09:59:47

ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللانى زىيارەت

جيا چۈنشيا


شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلنار ئابدۇللا 2–ئاينىڭ 23–كۈنى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىندا ئۈچ كۈندە، ئۈچ جايدا، ئۇدا ئۈچ مەيدان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئىرادىسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە خەلق ئاممىسىغا زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى. سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت ئورنۇمدا مەجبۇرىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىمەن، دائىم ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمەن.

پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياردىمى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ بەخت–سائادىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىلنار ئابدۇللانىڭ پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى كۆپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇشىمىزدا ھەممە نەرسە تەل، بەختلىك ياشاۋاتىمىز. بۇ بەختىيار تۇرمۇشنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە ئاتا قىلغان، بىزنىڭ مىننەتدار بولماسلىققا، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرماسلىققا باھانىمىز يوق.

دىلنار ئابدۇللا مۇنداق دېدى: بىر ئوچۇم زوراۋان–تېررورچىلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا غايەت زور تەھدىت شەكىللەندۈردى، ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەپ، يۇرت–ماكانىمىزنى بىرلىكتە قەتئىي ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ دۇنياغا داڭلىق ناخشا–ئۇسسۇل ماكانى. دىلنار ئابدۇللا لەرزان ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تارىختىن بۇيان، جاپادىمۇ – ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇۋاتىدۇ، گۈزەل يۇرت–ماكانىمىزنى قۇرۇش ۋە قوغداش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بولغان كۈرەشتە شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.

دىلنار ئابدۇللا مۇنداق دېدى: مەيلى ناخشىچى ياكى ئۇسسۇلچى بولسۇن، سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممەيلەن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە باشتىن–ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئويۇن قويۇش پۇرسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ۋە ئېتىز باشلىرىغىچە بېرىپ سەر خىل نومۇرلارنى ئورۇنلاش بىلەن بىللە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ غەمخورلۇقىنى، شۇنداقلا ياخشى سىياسەتلەرنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-02/24/content_585939.htm?lang=uy



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش