ئىزدەخەۋەر > شىنجاڭ >
يەلتاپان ئابلاجاننىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا پىيادە مېڭىش پىلانى
مەنبە : نۇر تورى
2017-03-20 10:11:32

ئەسلى تېما: ئابلاجان ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ساخاۋەت ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ، يۈز نەپەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى قوشماق تۇغقانلار»نى ئىزدىمەكچى



ئۇ پىيادە مېڭىشقا ئامراق، ساخاۋەتنى سۆيىدۇ،

ئەينى يىللاردىكى قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش،

بېيجىڭغا پىيادە بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ،

بۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن،

ئۇ بىر پىلان تۈزىدى.


ئابلاجان مۇختەر 73-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان،

ماشىنا رېمۇنتچىلىق كەسىپى بىلەن شوغۇللىنىدۇ.


ئۇ ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن،

2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ،

ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ،

تۆت مىڭ كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ،

ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا،

ساخاۋەت ئۈچۈن پىيادە مېڭىپ،

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تۇققاندارچىلىقنى ئىزدەپ،

قۇربان تۇلۇمنىڭ ئارزۇسىغا يەتمەكچى.


ئەينى يىللاردا،

قۇربان تۇلۇم كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى ئارقىلىق،

ئۆز ئارزۇسىغا يەتكەن ئىدى.

ئەمدى يەلتاپان ئابلاجانمۇ،

ئوخشاشلا سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭىزگە مۇھتاج!


سىزنىڭ دىققەت- ئېتىبارىڭىز،

ئابلاجانغا زور مەدەت بولغۇسى!

ھەممىمىز ئانارنىڭ دانىسىدە زىچ ئۇيۇشۇپ،

ئۇنىڭ ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرايلى!


يازمىدا خوۋپۇ



1.دالادا مېڭىش ھەرىكىتى ھەققىدە چۈشەنچە

دالادا مېڭىش ياكى ياياقداش ھەرگىزمۇ سەيلە قىلىش ئەمەس، تەنتەربىيە تۈرىدىكى يورغىلاپ مېڭىش تېخىمۇ ئەمەس، بۇ بەلكى شەھەر سىرتىدا، يېزا- قىشلاقلاردا ياكى تاغ ئارىلىرىدا ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق مېڭىپ چېنىقىشنى كۆرسىتىدۇ. قىسقا مۇساپىلىق دالادا مېڭىش بىر قەدەر ئاددى بولۇپ، بۇنىڭغا ھېچقانچە ماھارەت ۋە ئەسلىھەلەر كەتمەيدۇ، شۇڭا ئادەتتە دەم ئېلىشنىڭ بىر تۈرلۈك شەكلى دەپ قارىلىدۇ.

دالادا مېڭىش ھەرىكىتىدە، دالاكەشلەر ئۆز ئايىقى بىلەن يول تېپىپ مېىڭپ، تەبىئەتنى بوي سۇندۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ تەنتەربىيە ئېڭىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دالادا ياياقداش پائالىيىتى ئاۋام قىزىقىدىغا تەنھەرىكەت تۈرىگە ئايلانماقتا. كەڭ دالادا، تەبئىي تاغلار ئارىسىدا ماڭغاندا، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە بەدەن چېنىقتۇرغىلى، ئورتاق قىزىقىشتىكى نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشقىلى، شۇنداقلا ئۆزىنى ئازادە قويىۋېتىپ، خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولغىلى، ئۆزىگە رىقابەت ئېلان قىلىپ، ئىرادىسىنى سىناپ كۆرگىلى بولىدۇ. پىيادە مېڭىشمۇ ئوخشاشلا كىشىنى ھاياجانغا سالالايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىداركى ئارقىلىق كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭى ئاخىرغىچە مېڭىپ بارالىغاندا، بۇنداق كەچمىشنى ئۆمۈرۋايەت ئۇنۇتقىلى بولمايدۇ.

بۇ خىل ياياقداش ھەرىكىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بەك قىزىپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان مارافونچە يۈگۈرۈش ماھىرلىرىمۇ دىققىتىنى بۇ خىل ھەرىكەتكە يۆتكەپ، بۇنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ باقماقچى بولۇشتى. بۇ پۈتۈنلەي ئۆزى بىلەن ئۆزى بەسلىشىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، بۇنىڭدا ھېچقانداق ماددى مۇكاپات يوق، پەقەت گۇۋاھنامە دېگەندەك بەزى مۇكاپاتلار بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىل تەنھەرىكەتتە ماھىرلار رىقابەتلىشەلمەيدۇ، لېكىن ئىرادىنى چېنىقتۇرۇپ، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشكە گەپ كەتمەيدۇ.


2. يەلتاپان ئابلاجاننىڭ دالادا مېڭىش تارىخى ھەققىدە

ئىنسانلارنىڭ دۇنيانىڭ خوجىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، نۇرغۇن دالاكەشلەر دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ۋە خەتەرلىك يەرلەرگىچە قەيسەرلىك بىلەن قەدەم بېسىپ، تەبئەتنى بوي سۇندۇردى.

ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا پىيادە بېرىش جەريانىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تۇققان تېپىش ئابلاجان مۇختەرنىڭ ئارزۇسى. ئابلاجان پىيادە مېڭىشقا ھېرىسمەن، ئۇنىڭدا بۇ جەھەتتىكى قىزغىنلىق تولۇپ تاشقان بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان تالانت ئىگىسى ھېساپلىنىدۇ. ئۇ خۇددى پالۋان ئابدۇرشىتخانغا ئوخشاش بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ۋە ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بىز چوقۇم بۇنداق ئەزىمەتلەرنى قەدىرلىشىمىز ۋە ئاسرىشىمىز كېرەك.

ئابلاجان ئاتۇشتىكى ئاددى بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ۋاپادار يىگىت. ئۇ بۇرۇن يەر تېرىپ باققان، پادا بېقىپ باققان، توشۇمچىلىق ئىشچىسى بولۇپمۇ ئىشلىگەن، ھازىر ماشىنا رېمۇنتچىلىق كەسىپى بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئۆزىگە تەۋە بىر ماشىنا رېمۇنتخانىسى ئېچىش. ئۇنىڭ ئارزۇسى مانا مۇشۇنداق ئاددى ۋە ئەمەلىي. ئىشىنمىزكى، ئابلاجاننىڭ بۇ ئارزۇسىمۇ ھامان بىر كۈنى روياپقا چىققۇسى.

2016-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرى، ئابلاجان 18 كۈن ئىچىدە 1500 كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ، ئۈرۈمچىدىن ئاتۇشقا باردى. بۇ نەتىجىدىن ھەممەيلەن ھەيران قالدى. شۇڭا ئابلاجاننى يەلتاپان دەپ ئاتاشتى.

ھازىر 43 ياشلىق ئابلاجان مۇختەر ئاددى بىر ماشىنا رېمۇنتچىسى، ئىلى تەۋسىيە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ پىدائىيسى. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ پىيادە مېڭىشقا ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ساخاۋەت ئۈچۈن 1500 كىلومېتىر يولنى 18 كۈندە پىيادە بېسىپ، ئۈرۈمچىدىن ئاتۇشقا كەلدى. 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساخاۋەت ئۈچۈن داۋاملىق ماڭىمەن، بۇ قېتىم تېخىمۇ يىراق جايلارغا ماڭىمەن.»

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تاڭ سەھەردە، ئابلاجان دۆلەت بايرىقىنى قاداپ ئۈرۈمچىدىن ئاتۇشقا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ يول بويىچە ساخاۋەت تەشۋىقاتى قىلىپ ماڭدى. چۈنكى ئۇ پىدائىي ۋە ساخاۋەتنىڭ نېمىلىكىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە چۈشەندۈرمەكچى بولدى.


ئابلاجاننىڭ يۇرتى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى تىجەن كەنتىدىن بولۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ياش ۋاقتىدىلا رېمۇنتخانىغا كىرىپ ماشىنا رېمۇنتچىلىقنى ئۆگەنگەن ئىدى. ھازىر ئۇ بورتالا شەھىرىدە ماكانلىشىپ، ماشىنا رېمۇنتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىدۇ.

ئابلاجان ئارقىدىنلا ئىلى تەۋسىيە مېھىر شەپقەت- يەتكۈزۈش مۇلازىمەت مەركىزىگە پىدائىي بولۇپ كىرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ مەزكۇر ئەترەتنىڭ تۈرلۈك ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

تەۋسىيە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش مۇلازىمەت مەركىزىدە ئابلاجان سۈزۈك سۇ تەۋسىيە ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى كامىل سىدىق بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئويلاپ كېلىۋاتقان «پىيادە مېڭىپ ساخاۋەت تەشۋىقاتى قىلىش» خىيالىنى دەپ كۆرىدۇ. كامىل سىدىق ئابلاجاننىڭ بۇ پىكىرىنى ئىنتايىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ، ئارقىدىنلا باشقا پىدائىيلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئابلاجاننىڭ ساخاۋەت ئۈچۈن پىيادە مېڭىشى ئەتراپلىق پىلانلاپ، بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ياردەملەرنى بېرىدۇ، ھەمدە ئابلاجاننىڭ مۇشۇ ئىشى ئۈچۈن، مەخسۇس «ئابلاجان ئۈندىدار سۇپىسى»نى قۇرۇپ بېرىدۇ.

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەن سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 8:40دا، ئابلاجان دۆلەت بايرىقى بىلەن تەۋسىيە ئەترىتىنىڭ بايرىقىنى قاداپ، 20 كىلوگرام ئېغىرلىقىتىكى بوغچىنى دۈمبىسىگە يۈدۈپ، زور ئارزۇ- نىشانلار بىلەن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدۇ.

ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۇدا 18 كۈن يول ماڭدى. بۇ جەرياندا پۇتلىرى ئىشىپ، قاپىرىپ، ئاقسىغان ھالدا يولنى داۋاملاشتۇردى.

مېڭىپ توقسۇن تەۋەلىكىگە كەلگەندە، قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى. ناھىيە سىرتىدىكى كەڭ دالادا ئاندا- ساندا ئۆتۈپ قالىدىغان ئاپتوموبىللارنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئەتراپتا ئىنسى- جىن كۆرۈنمەيتتى. ئابلاجان تۇيۇقسىز ئون مېتىرلارچە يىراقلىقتا ئىككى جۈپ يېشىل نۇرنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. ئابلاجان بۆرىگە يولۇقۇپ قالدىم دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇ ئامالنىڭ بېرىچە ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، يولنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇردى. يېرىم سائەتلەر يول ماڭغاندىن كېيىن، ئابلاجان ئاخىرى چىراق بار يەرگە يېتىپ كەلدى. ھېلىقى ئىككى بۆرىمۇ كەڭ دالادا غايىپ بولدى. ئابلاجان بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «يول ئازابى ھەقىقەتەن گۆر ئازابى ئىكەن.»

ئابلاجان يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سەپەر جەريانىدا، مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئىنتايىن قىزغىن بولدى. ئۇلار ماڭا يول بويى سۇ ۋە يېمەكلىك بەردى. مەن شۇ چاغدىلا دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلدىم. بۇنداق ھېسىياتقا ھەر قانچە باي ئادەممۇ پۇل ئارقىلىق ئېرىشەلمەيدۇ.»


3. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قالتىس دالاكەشلەر


1- ھېكايە: جۇڭگولۇق گامپ 80 مىڭ كىلومېتىر پىيادە مېڭىپ، «ئون مەجنۇن»نىڭ بىرى دەپ باھالىنىشى

جۇڭگولۇق گامپ (ئامېرىكىنىڭ شۇ ناملىق كىنوسىدىن ئېلىنغان نام) دەپ ئاتالغان جىنشىمىڭ (金世明) يەتتە يىل بۇرۇن پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، دوستلىرى بىلەن دېيىشىۋېلىپ، شىنجاڭدىن بېيجىڭغا پىيادە ئېكىسپېدىتسىيە قىلىپ بارغان. جىن شىمىڭ ھازىرغىچە 80 مىڭ كىلومېتىر يولنى پىيادە مېڭىپ، جۇڭگونىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم رايونلىرىنى كېزىپ بولدى. ئەينى چاغدا، ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھىنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتى يار بەرمىگەچكە، پەقەت جىن شىمىڭلا ئاخىرغىچە مېڭىپ، دالادا مېڭىشتىن ھوزۇر تاپتى. ئۇنىڭ ئارزۇسى پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىقىشتۇر.

ئۇ بۇرۇن شىنجاڭدا 40 يىل كاندا ئىشلىگەن، ئۇزۇن يىل بويتاق يۈرگەن. پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، يېرىم يولدا بۇ خىل ياياقداش ھەرىكىتىگە كىرىشكەن. ئۇ 2008-يىلى «جۇڭگودىكى ئولىمپىكنى كۈتىۋالغۇچى ئون مەجنۇن»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئايدا بىر جۈپ ئاياقنى ئۇپارتىپ بولىدىكەن.

جۇڭگو خەرىتىسىنى ئاچىدىغان بولساق، ئۇ بۇنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى مېڭىپ تۈگەتتى. ئەڭ ئۇزۇن ماڭغىنى يۈننەن بولۇپ، 2453 كىلومېتىر ماڭدى، ئەڭ قىسقىسى شاڭخەي بولۇپ، ئاران 285 كىلومېتىر ماڭدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يولنى تاپالماي ئىككى قېتىم ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغانلىقىنى، يەنە خەينەنگە بېرىشتا ۋە يەنتەيدىن دالىيەنگە بېرىشتا ئىككى قېتىم كېمىگە ئولتۇرغانلىقىنى كۈلۈپ تۇرۇپ بايان قىلىدۇ.


2- ھېكايە: «دالاكەش جۇڭگولۇق مەجنۇن»نىڭ 7 يىلدا جۇڭگونى كېزىپ چىقىشى

«دالاكەش جۇڭگولۇق مەجنۇن» لى ياپېڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چېنجۇ شەھىرىدىن، ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتۈن جۇڭگونى كېزىپ چىقىش ئۈچۈن شېنجېندىن يولغا چىقتى.

7 يىل جەريانىدا، ئۇ ئۆزى يىغقان يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتتى. لى ياپېڭ تەۋەككۈل روھىغا باي، يۇقىرىغا يامىشىشقا ئامراق، ئەمەلىيەتچىل، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدۇ، ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا چىققاندىن باشلاپ، ئۇ پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ چىقىشىقا، ھايات يولى ھەققىدە ئىزدىنىشكە بەل باغلىدى.

ۋەتەننىڭ تاغ- دەريالىرىنى 7 يىل پىيادە كېزىپ، ئۆزى يالغۇز ئىپتىدائىي ئورمانلاردىن، چاڭجياڭ سەنشيادىكى تىك يارلاردىن، جۇڭگو- بېرما چىگراىسىدىكى مىتكىنا ئورمانلىقىدىن، سوغۇق ۋە ھاۋا شالاڭ چىڭخەي- شىزاڭ ئىگىزلىىكىدىن، يارلىڭزاڭبو دەرياسىنىڭ جىلغىسىدىن، ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدىغان قورقۇنچلۇق چايدام ئويمانلىقىدىن، ھالاكەت دېڭىزى دەپ ئاتالغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىن پىيادە مېڭىپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ بارلىق تاغ- دەريا ۋە ئېقىنلىرىنى كېزىپ چىقتى.


3-ھېكايە: ۋاڭشۇدوجى 14 يىلدا جۇڭگونى پىيادە ساياھەت قىلىپ چىقىشى

زاڭزۇ (تۈبۈت) يىگىت ۋاڭشۇدوجىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كوللىكتىپ روھىغا باي، كەسىپچان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، مېھىر- مۇھەببىتى ۋە كوللىكتىپ شەرەپ تۇيغۇسى كۈچلۈك. يېڭى ئىدىيە، يېڭى مۇھىت ۋە يېڭى رىقابەتلەرنى قوبۇل قىلىشى تېز.

1993-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، جۇڭگونى پىيادە ساياھەت قىلىپ، 14 يىل ئىچىدە جۇڭگودىكى 2470 ناھىيە- شەھەردە ئۆز ئىزىنى قالدۇردى.

(يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا، بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مېڭىپ بارغاندا ئادەتتە بىر يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ. بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە مېڭىپ بارغۇچى بىر گېرمانىيەلىك بۇ ھەقتە بىر كىتاپ يازدى، يېزىلغان خاتىرىلىرى تولۇق. ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا مېڭىپ بارغۇچى فۇكاڭلىق بىرەيلەننىڭ ماتېرىياللىرى تولۇق ئەمەس، خەۋەر- دوكلاتلىرىمۇ پارچە- پۇرات، ئەپسۇس ئۇنىڭ خاتىرىنى ياخشى يازمىغان).


4. ئابلاجاننىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىكى باش تېمىسى ۋە ۋەزىپىسى

1) باش تېما: ئابلاجان شىنجاڭدىن بېيجىڭغا مېڭىش جەريانىدا ساخاۋەت ئۈچۈن ئىئانە توپلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى قوشماقلار بويىچە» يۈز تۇققان ئىزدەيدۇ.

ئابلاجان كۈندە 30 كىلومېتىردىن 50 كىلومېتىرغىچە دالادا مېڭىپ، تۆت مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى 3- 4 ئايدا تاماملايدۇ.

يولدا ماڭغاچ، يۈز تۇققان بىلەن تونۇشۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىپ، رەسىمگە چۈشىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ تىلەكلىرىنى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ، يۈز تۇققان كارتىسىغا ئىمزا قويۇپ، ھەر بىر تۇققانغا بىردىن بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ساخاۋەتلىك ئىئانە توپلاش نىشانىنى بېكىتىپ، 10 يېزا مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ پۇتبول تۈرى ئۈچۈن ئىئائە توپلايدۇ، شۇ ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللىشى ۋە قاتنىشىشى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا بالىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ جەرياندا، ئابلاجان ئۆزىدىن ھالقىشتىن ئىبارەت شەرەپ ۋە خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولىدۇ. ئۇنداقتا، رىقابەتكە تەييار بولدۇڭمۇ!؟

2) ۋەزىپىسى: يۈز كۈن ياياقداش، يۈز تۇققان تۇتۇش، ساخاۋەت ئۈچۈن ئىئانە يىغىش.


5. يەلتاپان ئابلاجاننىڭ مەستانىلەر توپى

ساخاۋەت ساھەسىدىكى دوستلىرىنىڭ ھەممىسى يەلتاپان ئابلاجاننىڭ دالادا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، شۇنداقلا ئابلاجاننىڭ مەستانىلىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ مەستانىلەر ئابلاجانغا زور مەدەت بېرىپ، قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.

دالادا مېڭىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، قوزا قوشۇنى (小羊军团) ئەترىتىنىڭ باش نازارەتچىسى، شىنجاڭ پىدائىي ساخاۋەت بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭجۈن (杨军) نىڭ مەسلىھەتى بىلەن، مول تەجرىبىلىك دالاكەشلەر يېتەكچىلىرىدىن مۇرات ئەپەندى ئابلاجانغا زۆرۈر بولغان دالاكەش بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، سەپەرگە چىققانغا قەدەر سېستىمىلىق تەربىيىلەش ۋە مەشىقلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

مەشىقلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابلاجاننى پىلانلىق ھالدا بەزى ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئاشۇرىلىدۇ. مەسىلەن، 1-ئاينىڭ 14-كۈنى تارانچى پىدائىيلىرى ساھىپخانلىقىدىكى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مېھىر تائام پائالىيىتىگە قاتناشتى، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر سوم فوندىنىڭ شىنجاڭدىكى رەھمەت ئېيتىش ساخاۋەت يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئابلاجاننىڭ ساخاۋەتنى سۆيىدىغان ھەرىكىتىنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ دوستلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى، ھەمدە تېڭشۈن ساخاۋەتچىلىكى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا تەييارلىق كۆرگىلى بولىدۇ.

ئابلاجانغا ئۈرۈمچىدىن بىر خىزمەت تېپىپ بېرىپ، ئۇنىڭ رېمۇنتچىلىقتىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىقى جارى قىلدۇرۇلسا، رېمۇنتخانىدا ئىشلىگەچ، ۋاقتى چىققاندا مەشىقنى داۋاملاشتۇرسا، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنىمۇ يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى تىككۈچى، ئايالىغىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىزمەت تېپىلسا، ئابلاجانمۇ ئائىلىسىدىكلەردىن خاتىرجەم ھالدا يولغا چىقالايدۇ. ھازىر 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىسى بولۇپ قالدى، سەپەرگە چىقىدىغانغا ئاز قالدى، ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ.



6. ئابلاجاننىڭ سەپەر لىنىيەسى

ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغىچە بولغان پىيادە يول لىنىيەسىنى پىلانلاش

1- لىنىيە: ئۈرۈمچى- فۇكاڭ- جىمىسار- گۇچۇڭ- مورى- باركۆل- قومۇل- ليۇيۈەن- يۈمىن- جيايۈگۈەن- جيۇچۈەن- چىڭشۈي- جاڭيې- جىنچاڭ- ۋۇۋېي- لەنجۇ (مۇساپىسى 1788 كىلومېتىر)- بەييىنشى- جىڭتەي- جۇڭۋېي- يىنچۈەن- شىزۈيشەن- خۇينۇڭ- ۋۇخەي- لىنخې- خوخوت- جىنىڭ- جاڭجياكو- بېيجىڭ مۇساپىسى 1494 كىلومېتىر (ئومومىي مۇساپە 3282 كىلومېتىر)

2- لىنىيە: ئۈرۈمچى- تۇرپان- پىچان- قومۇل- ليۇيۈەن- يۈمىن- جيايۈگۈەن- جيۇچۈەن- چىڭشۈي- جاڭيې- جىنچاڭ- ۋۇۋېي- لەنجۇ (مۇساپىسى 1892 كىلومېتىر)- بەييىنشى- جىڭتەي- جۇڭۋېي- يىنچۈەن- شىزۇيشەن- خۇينۇڭ- ۋۇخەي- لىنخې- باۋتۇ- خوخوت- جىنىڭ- جاڭجياكو- بېيجىڭ مۇساپىسى 1494 كىلومېتىر (ئومومىي مۇساپىسى 3386 كىلومېتىر)

3- لىنىيە: ئۈرۈمچى- تۇرپان- قومۇل- جيۇچۈەن- جاڭيې- ۋۇۋېي- جۇڭۋېي- دىڭبيەن- لۈلياڭ- تەييۈەن- شىجياجۇاڭ- باۋدىڭ- بېيجىڭ

تەكلىپ: 1- لىنىيەنى تاللىغان ياخشى، سەۋەبى: ئادەمسىز رايونلار ئاز، سۇ مەنبەسى مول، يېمەكلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.



7. ئابلاجاننىڭ سەپەردىن ئاۋۋالقى مەشىق پىلانى (ھەقلىق)

كەسىپىي مەشقاۋۇل تەكلىپ قىلىپ، ئابلاجاننى دالا پائالىيىتى ھەققىدە ئومومىيۈزلۈك تەربىيەلەش. كۈنىگە 80 كىلومېتىر يول يۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم يېتەرلىك روھىي ۋە جىسمانىي تەييارلىق بولۇشى، ھېچ بولمىغاندا دالادا پائالىيەت قىلىش ئىقتىدارى ياكى تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك.

بىرىنچى كۈنى: دالا پائالىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش مەشىقى.

ئىككىنچى كۈنى: GPS كومپاس، دالا خەرىتىسى، دالادا ياشاش ماھارىتى (چىدىر تىكىش، تاماق قىلىش، ئىچىملىك) قاتارلىقلار.

ئۈچىنچى كۈنى: شەھەردىن كېسىپ ئۆتۈش (GPS يول باشلاش ئۈسكۈنىسىدە پەقەت خەنزۇ تىلى ئارقىلىقلا خەرىتە كۆرۈپ يوللارنى پەرقلەندۈشكە توغرا كېلىدۇ)

تۆتىنچى: تاغلاردىن كېسىپ ئۆتۈش مەشىقى (يەر شەكلىنى پەرق ئېتىش، خەرىتە ئىشلىتىش ۋە چىدامچانلىقنى نۇقتىلىق مەشىق قىلىدى)

بەشىنچى كۈنى: دالا مەشىقى پىلانىدا سەيۋوپۇدىن ئۈرۈمچىگە مېڭىپ كېلىدۇ (30 كىلومېتىر)

ئالتىنچى كۈنى:كەمچىل تەرەپلەرگە قارىتىلغان ئۇنىۋېرسال كۈچەيتىش مەشىقى.



8. دالادا مېڭىشتا زۆرۈر ئەسلىھەلەر

1) كېيىم- كېچەكلەردىن: دالا كېيىمى (دالا پائالىيەتلىرىدە زۆرۈر بولغان شامال ۋە سۇدىن ساقلىنىدىغان، ھاۋا ئۆتۈشچان، پۇختا بولۇشى)، تىۋىت چاپان (WINDSTOPPER تەركىبلىك، شامالدىن دالدىلىنىپ، ئىسسىق ساقلايدىغان)، تەر ھەيدەيدىغان ئىچ كىيىم (دالا پائالىيىتىدىن كېيىن بەدەننى قۇرغاق تۇتۇش ئۈچۈن)، تېز قۇرۇيدىغان ئىشتان كېيىم (يازلىق سەپەرگە ماس، ئىشتان پۇشقاقلىرى ئايرىلىدىغان بولسا تېخى ياخشى)، مامۇق چاۋپ ۋە ئىشتان (قىشلىق سەپەردە ياكى ئىگىز رايونلاردا ئىسسىنىشقا ماس كېلىدىغان)، باشقا تۈردىكى شەخسىي كېيىملەر (بىر قېتىملىق كالتە ئىشتان، مايكا، گاڭسار....)

2) ئاياغ، پايپاقلاردىن: دالا ۋە تاغقا چىقىش ئاياقلىرى (پۇختا، ئەۋرىشىم، سۇ ئۆتمەيدىغان، پاشنىسى مۇۋاپىق، ھوشۇقنى قوغدايدىغان)، يەڭگىل تەنتەربىيە ئازادە ئاياقلىرى (شەھەر سىرتىدىكى ئاددى ياياقداشقا ماس كېلىدىغان ياكى ماشىنا ھەيدىگەنلەردە كېيىۋالىدىغان)، تەنتەربىيە ساپما كەشى (شىپىلاق ئورنىدا كەيگىلى، يازدا ياياقداشتا بىۋاستە كەيگىلى بولىدۇ)، تەر ھەيدەش پايپىقى (ئەڭ ياخشى COOLMAX ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن پايپاقنى GORE—TEX ئايىقى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كەيسە، پۇتنىڭ تەرىنى ھەيدەيدۇ، قىشتا ئۈشۈكتىن ساقلايدۇ)، ئادەتتىكى تەنتەربىيە پايپاقلىرى (ئازادە پاختا پايپاقلار بولسىلا بولدى)، قار پايپىقى (قارلىق ياكى لاي يوللاردا كېيىدۇ).

3) بۆك، پەلەي، كۆزئەينەكلەر: ئاپتاپتىن ساقلىنىش شەپكىسى (قىرى يۇمىلاق كالتەك توپچىلارنىڭ شەپكىسى شەكلىدە، ئۆزى قاندىقىنى خالىسا، پەقەت قۇياش نۇرىنى توسسىلا بولىدۇ)، تىۋىت بۆك (ئاساسلىقى ئىسسىق كېيىشكە ئىشلىتىدۇ)، نېپىز پەلەي (رەسىمگە تارتىش دېگەندەك پائالىيەتلەرگە قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن)، قېلىن پەلەي (ئىسىنىش ئۈچۈن)، ئاپتاپتىن ساقلاش كۆزئەينىكى (تەنتەربىيە تىپتىكىلىرى مۇۋاپىق، ئاساسلىقى ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ)


شەخسىي ئەسلىھەلەر:

4) سومكىلار: (1) چوڭ سومكا (قىسقا مۇساپىلىق دالا يۈرۈشى ياكى ئۇزۇن مۇساپىلىق سەپەرلەرگە لايىق ئېغىر تىپلىق دۈمبىسىگە ئېسىۋالىدىغان 45-80L سىغىمدىكى سومكىلار). (2) كىچىك سومكا (قىسقا مۇساپىلىق دالا يۈرۈشى ياكى ئۇزۇن مۇساپىلىق سەپەرلەرگە لايىق 15-30L سىغىمدىكى سومكىلار). (3) بەل سومكىسى ياكى بوغچا (ئۇزۇن سەپەرلەردە ئۇششاق نەرسىلەرنى سېلىپ قويىدىغان سومكا، سۇدان سالغىلى بولىدىغىنى ئەڭ ياخشى). (4) فوتو ئاپپارات سومكىسى (ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قۇلايلىقنى تاللىسا بولىدۇ).

5) دالا ئەسلىھەلىرى: ئۇخلاش خالتىسى (ئۇزۇن سەپەرگە مامۇقتىن تىكىلگەن كىچىكرەك ئۇخلاش خالتىلىرى بوشلۇق تىجەيدۇ، بۇنى پەسىلگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىۋالسا بولىدۇ). ئۇخلاش ئەدىيىلى (سەپەر جەريانىدا دالادا ياتمايدىغان ئىش بولسا، كىر بولماس تىۋىت ياكى پاختا ئەدىيال ئېلىۋالسا بولىدۇ). چىدىر (ئادەتتىكى دالادا يېتىشلاردا سۇ ئۆتمەس، شامالدىن مۇداپىئەلىنىدىغان چىدىلار مۇۋاپىق، لېكىن ئۇزۇن سەپەرلەرگە ھەجىمى كىچىك چىدىرلارنى ئېلىۋالغان ياخشى). چىدىر پالىسى (چىدىرنىڭ ئاستى ئۇپراپ كېتىشتىن ساقلايدۇ). نەم تارتماس ئەدىيال (ئادەتتىكىسىدە خالىغانچە ئولتۇرسىڭىزمۇ ياتىسىڭىزمۇ بولىدۇ، يەل ئۇرىدىغىنى تېخىمۇ راھەت). ئاليومىن پەردىلىك پالاس (ئېلىپ يۈرۈش ئەپلىك، فوتو ئاپپاراتقا نۇر قايتۇرغۇچ قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ).

6) يورۇتۇش ئەسۋاپلىرى: باش چىرىقى (چىراقنى باشقا تاقىغاندا، ئىككى قولغا قۇلايلىق بولىدۇ)، قول چىراق (زاپاسقا ئېلىپ قويسا، مۇھىم ۋاقىتتا ئىشلىنىدۇ). پانوس چىراق (چۈشكەن بارگاھقا ياكى چىدىر ئىچىدە ياقسا بولىدۇ)، پارقىراق تاياقچە (خېلى رولى بار، لېكىن مۇھىتنى ئاسراپ، قالايمىقان تاشلىماسلىق كېرەك)، شامالدىن ساقلىنىدىغان چاقماق (كۆپ يەرلەردە ئىشلىنىدۇ).

7) ئالاقە- خەۋەرلىرىش قۇراللىرى: يانفون (ئەڭ كۆپ ئىشلىنىدىغان ئالاقە قۇرالى، سېگنالى ياخشى بولۇشى كېرەك، چۈنكى دالادا سېگنال ياخشى ئەمەس)، GPS (يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى، بۇ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەپ، لىنيەنى تاپقىلى، ئېزىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ)، قۇتقۇزۇش پۈشتىكى (ئەترەت بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ).

8) باشقا نەرسىلەر: تاغقا چىقىش ھاسىسى (ئۈنۈملۈك ئىشلەتكەندە، %20 جىسمانىي قۇۋۋەتنى تىجەپ قالىدۇ، يەنە جازا قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ)، تازىلىق سومكىسى (تازىلىق بۇيۇملىرىنى سالىدۇ)، شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرى (چىش چوتكىسى، سوپۇن، لۆڭگە، چىش پاستىسى، تازىلىق قەغىزى، پۇت ئۇپىسى، قۇلاق تىققۇچ، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى، كەلپۈك مەلھىمى، قىزىتما چاپلىقى، تىرناق ئالغۇچ، سۇ ساپلاشتۇرۇش دورىسى، شەخسىي دورىلار)، سومكا ياپقۇچ (سۇ ئۆتمەس بولۇپلا قالماي، ئۇزۇن سەپەردە يەنە چاڭ- توزاندىن ساقلايدۇ)، سومكا بېغى (سومكىنىڭ سىرتىغا ئاسقان نەرسىلەرنى چىڭ باغلاش بىلەن بىرگە، يەنە زۆرۈر تېپىلغاندا قوغدىنىش ئارغامچىسى قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ)، خەرىتە (ئۇزۇن سەپەر ۋە قىسقا سەپەرلەرنىڭ ھەممىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان قۇرال)، كىچىك ئاسقۇ (ئۆزى خالىغاندا، لۆڭگە، بۆك ۋە ئەخلەت خالتىسى دېگەندەك كىچىك نەرسىلەر دۈمبىسىدىكى سومكىغا ئېسىپ قويۇشقا ئىشلەتسە بولىدۇ)، كومپاس (دالادا تەرەپلەرنى قەرق ئېتىش، ياكى ئېزىپ قالغاندا توغرا تەرەپنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ)، ھەربىيلەر پىچىقى (بولۇپمۇ سەپەرگە چىققاندا ئەرلەردە كەم بولسا بولمايدۇ، ئالما ئاقلاشتىن دەرەخ كېسىشكىچە ئىشلەتسە بولىدۇ)، دالا قول سائىتى (يەر تۈزۈلۈشنىڭ ئىگىزلىكى، تېمپىراتۇرا، ھاۋا بېسىمى، ئېلېكترونلۇق يۈز، ۋاقت ھېساپلاش ۋە قوڭغۇراقلىق سائەت قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار)، باش لۆڭگىسى (تەرلىرىنى ئېرتىشقا، بويۇنلىرىنى يۆگىۋېلىپ، ئىسسىق ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ)، سۇ ئۆتمەس خالتا (كېيم ۋە بۇيۇملىرىڭىزنى نەملىكتىن ساقلايدۇ، سومكا ئىچىنى رەتلىك تۇتۇشقا ئەپلىك)، كىنىشكا خالتىسى (مۇھىم كىنىشكا- ئىسپات ۋەياكى پۇللارنى سېلىپ، قوينىدا ساقلايدۇ)، كىچىك تىپتىكى دۇربۇن (ئەتراپتىكى كۆرۈش دائىرىڭىزنى كەڭ ۋە ئېنىق قىلىدۇ)، يىپ- يىڭنە بولىقى (ھەر ئېھتىمالغا كېيىملىرى يىرتىلىپ كەتسە ئىشلىنىدۇ)، خاتىرە دەپتەر (سەپەر جەريانىدىكى ھېسىيات ياكى ھېساۋاتلىرىنى خاتىرلەشكە ئىشلىتىدۇ)، زاپاس باتارىيە ۋە توكلاتقۇ (يانفون توكلاش، چىراق يېقىشلاردا زاپاس ئىشلىنىدۇ)، يەل ياستۇق (يولدا ئارام ئېلىشتىكى ياخشى ھەمراھ)، دورىلار (زۇكام دورىسى، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى، تېز ساقىيىش دورىسى <好得快>، بېرىبېرىن، قان توختىتىش بىنىتى، چاپلاق، ۋىتامىن دورىلىرى، كۆز تېمىقتقۇسى، زاراڭزا مېيى.... شەخسىي ئېھتىياجغا ئاساسەن ئېلىۋالسا بولىدۇ)، زاپاس يېمەكلىك (سىغدام پىچىنە، شاكىلات، قۇرۇتۇلغان گۆش، قۇرۇق ئۈزۈم، نان ....)



9. دالا پائالىيىتىدىكى تەبئىي ئاپەتلەرنى باھالاش

1) تەيفېڭ بورىنى: دالادا تەيفېىڭ بورىنىغا يولۇقسا، بوران يۆنلىشىنىڭ قارشى تەرىپىگە ياكى يان تەرىپىگە قاراپ يۆتكىلىپ دالدىلىنىش كېرەك.

تەيفېنىڭ بورىنى كۆز ئالدىغا كېلىپ قالسا، ئويماتراق يەرنى تېپىپ دۈم يېتىۋېلىش، كۆزىنى ۋە ئاغزىنى چىڭ يۇمۇپ، ئىككى قولى ۋە جەينەكلىرى بىلەن بېشىنى قوغداپ، ئۇچۇپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ تېگىپ يارىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

2) كەلكۈن: كەلكۈننىڭ تەھدىتىگە يولۇققاندا، ناۋادا ۋاقىت يېتەرلىك بولسا تاغ باغرى، ئىگىز ئورۇنلارغا يۆتكىلىش؛ ئۈلگۈرەلمەي كەلكۈننىڭ قورشاۋىدا قالسا، ئامال بار ياغاچتىن ياسالغان ئىشىك، تاختاي قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، سۇ ئارقىلىق بىخەتەر جايغا يۆتكىلىش كېرەك.

3) چاقماقلىق ھاۋا رايى: ئەتراپتا چاقماقتىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرى بار ئىمارەتلەرگە كىرىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئەھۋالدا، قول سائىتى، كۆزئەينەك قاتارلىق مېتالدىن ياسالغان بۇيۇملارنى تاشلىۋېتىش، توك مەنبەسى، چوڭ دەرەخ ۋە سىتولبىنىڭ يېنى قاتارلىق جايلاردا قەتئىي يامغۇردىن دالدىلانماسلىق؛ بەدەننى ئىمكانقەدەر پاكار قىلىپ، چاقماقنىڭ بىۋاستە زەربىسىدىن ساقلىنىش؛ ئىككى پۇتىنى ئىمكانقەدەر چىڭ جۈپلەپ، يەر بىلەن تېگىشىشىنى ئامال بار ئازلىتىپ، «قەدەملىك ئېلېكتر بېسىمى»دىن ساقلىنىش؛ دالادىكى ئەڭ ياخشى پاناھلىنىش سورۇنى ئۆڭكۈر، ئېرىق- ئۆستەڭ، جىلغا ياكى ئىگىز دەرەخلىكلەر ئارىسىدىكى قۇرۇن يەرلەر.

4) تۇمانلىق ھاۋا رايى: تۇمانلىق ھاۋادا دالا پائالىيىتىنى ئىمكانقەدەر ئازلىتىش، بولۇپمۇ ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق، كۆپرەك سۇ ئىچىپ، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. سىرتقا چىقىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، چوقۇم ماسكا تاقىۋېلىش، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈزىنى ۋە سىرت بىلەن ئۇچراشقان تېرىلىرىنى پاكىز يۇيۇش كېرەك. تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلگەن ھامان، سەھەرلىك چېنىقىشنى توختىتىش، تۇمان قويۇق چاغدا چېنىقسا، زەھەرلىك ماددىلارنى كۆپ سۈمۈرىۋېلىپ، كېكىردەك، كاناي ۋە كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىلىرىنى زەخىملەندۈرۋالىدۇ. تۇمانلىق ھاۋادا ئۇزاق يۈگۈرمەسلىك كېرەك، چۈنكى تۇمان تەركىبىدە سۇ مىقدارى كۆپ، ئوكسىگېن مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولغاچقا، ئوكسىگېن ئېھتىياجى قانماي، ئاسانلا باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

5) قارا قۇيۇن: تولغىنىپ يىغىلغان بۇلۇتنىڭ يەر يۈزىگە شىددەت بىلەن پەركا شەكىلدە يوپۇرۇلغان شامال قاينىمى قارا قۇيۇن دەپ ئاتىلىدۇ، قارا قۇيۇننىڭ سائەتلىىك پىرقىراش تېزلىكى 500 ئېنگلىز مىلى بولۇپ، ئۆزى يولۇقتۇرغان ھەر قانداق نەرسىنى سىكونت ئىچىدە ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.قارا قۇيۇننىڭ ئىچكى ھاۋاسى شالاڭ بولۇپ، بېسىمى بەك تۆۋەن، خۇددى بىر غايەت زور ھاۋا سۈمۈرگۈچكە ئوخشايدۇ، سائەتىگە نەچچە يۈز ئېنگلىز مىللىق سۈرئەت بىلەن، يول بويى ئۇچىرىغان نەرسىلەرنى «پەركا»سىغا سۈمۈرۈپ ئەكىرىپ كېتىپ، تاكى شامال كۈچى ئاجىزلىغاندىلا، سۈمۈرگەن نەرسىلىرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. قارا قۇيۇن بەكمۇ خەتەرلىك بولۇپ، كۈچلۈكلىرى ئۆينى سۆكۈپ ئېلىپ، ئۆيدىكى نەرسىلەرنى قوشۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتەلەيدۇ.

6) لاتقا شېغىللىق ئېقىن

7) قاتتىق يامغۇر


10. دالا ياياقداشتا ئېلىۋالىدىغان دورىلار

1) ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى: ئوفلوكىساسىن (ofloxacin،氧氟沙星) (باھاسى ئون نەچچە يۈەن، سىرتقى زەخمە، گال ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈشلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، لېكىن 18 ياشتىن تۆۋەنلەر يېسە بولمايدۇ.)

2) قان توختىتىش دورىسى: يۈننەن ئاق دورىسى، پۈركەيدىغىنىمۇ بار، بىنىتتىن بىر ئورام، يەنە چاپلاق.

3) قىزىتما ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى: بۇففېرىن (Bufferin، 百服宁) ياكى APC + سىرتتىن ئىشلىتىدىغان ئاغرىق توختىتىش دورىسى- ۋولتارېن (扶他林، Voltaren)

4) قۇرت- قوڭغۇز، يىلان چېقىۋالغاننىڭ دورىسى: جىدې شېڭشې (季德胜蛇) دورا تابلېتكىسى (ھەر چېقىۋالغانغا شىپا، ئىچىگە ئىچسىمۇ بولىدۇ، تېشىغا سۈرتسىمۇ بولىدۇ).

5) قۇرت يوقىتىدىغان قىچىشقاق دورىسى: قۇرت يوقىتىش دورىسى، فېڭ يوۇجىڭ (风油精).

6) چاپلاق، بىنىت، داكا


11. ئۈرۈمچى، لەنجۇ، شىئەن، بېيجىڭنىڭ تاراتقۇلىرى يىغىنى

1) مۆلچەرلىنىشىچە، يەلتاپان ئابلاجان 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، بېيجىڭغا مېڭىپ بارىدىغان ساخاۋەت سەپىرىنى باشلايدۇ. ھەر قايسى تاراتقۇ ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچىدە بىر مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق بۇ ئىشنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئابلاجان رىغبەتلەندۈرىلىدۇ، شۇنداقلا ساخاۋەت تەشۋىقاتىنىڭ دەسلەپكى كۈيى باشلىنىپ، بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ مەقسەت ۋە تېمىلىرى كۆپچىلىككە بىرمۇ- بىر ئاشكارە قىلىنىدۇ، ئاندىن پىيادە سەپەرنى رەسمىي باشلايدۇ. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ كۆلىمى يىغىلغان ئىئانە ئەھۋالىغا قارىتا بولىدۇ.

2) لەنجۇ، شىئەن ۋە بېيجىڭ شەھەرلىرىدىكى، شۇنداقلا سەپەر ئۈستىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنىڭ ئورنى ۋە ۋەقتى ئابلاجاننىڭ مېىڭىپ بارغان ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.


12. سەپەر لىنىيەسىدىكى ساخاۋەت ھەمراھلىرى ۋە تاراتقۇلار

يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ چىگراسى ئىچىدىكى سەپەر لىنىيەسىدە ياردەم بېرەلەيدىغان ساخاۋەتچى ھەمراھلارنى ۋە مەنبەلەرنى ئىزدەش، شۇنداقلا گەنسۇ، سەنشى، خېنەن، خېبېي ۋە بېيجىڭدىكى ياردەم بېرىشنى خالايدىغان ساخاۋەت ئورگانلىرى ۋە دالاچى ھەۋەسكارلارنى تېپىش.


13. ئۈندىداردىن بىۋاستە كۆرسىتىش (ھەقلىق)

يەلتاپان ئابلاجان مېڭىش جەريانىدا، بەزى قىزىقارلىق ۋە مەزمۇنلۇق يەرگە بارغاندا، ئۈندىداردىن بىۋاستە كۆرسىتىش ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن بۇ خىل كۆرسىتىش مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ۋە بەزى كەسپىي خادىملارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئالدىن ئىزدىنىپ، تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.


14. قوش تىلدا، ئىككى سالوندا خەۋەر بېرىش (ھەقلىق)

سەپەر باشلانغاندىن كېيىن، ئابلاجان توغرىلىق يېڭى مەزمۇن ۋە يېڭى ھېكايىلەر كۈندە دېگۈدەك ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق رەسىملىرى بىلەن بىرگە تەمىنلىنىدۇ ۋە بىۋاستە كۆرسىتىلىدۇ.

نۆۋەتتە، خەنزۇ تىلىدىكى سالونغا جاڭلەن مەسئۇل بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى سالونغا ئادەم بېكىتىلىش ئالدىدا.


15. پۇتبول ساخاۋىتى ئۈچۈن 10 مەكتەپكە ئىئانە يىغىلىدۇ

ئابلاجان ئۆزى ئاتۇشتىن، بۇ قېتىمقى ساخاۋەتلىك دالادا مېڭىشتا يەنە بىر مەقسەت بار. ئۇ بولسىمۇ ئاتۇشتىكى 10 يېزا مەكتىۋىنىڭ پۇتبول ساخاۋەت تۈرى ئۈچۈن مەبلەغ يىغىش. ھەر بىر مەكتەپكە 5 پۇتبول ئىئانە قىلىدۇ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 100 يۈەندىن ھېساپلىغاندىمۇ، جەمئىي 10 مىڭ يۈەن ئىئانە يىغمىسا بولمايدۇ.



16. جېننىس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىش

ئابلاجان بولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ساخاۋەت ئەترەتلىرى ۋەياكى ساخاۋەتچى كارخانىلار ئابلاجاننىڭ جېننىس رېكورتى (吉尼斯纪录) ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەملىشىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ كەسپىي يوسۇندا يۈرۈشۈشتۈرۈش.


17. ياردەم بەرگەن ئورۇنلار ھەققىدە (قالدۇرۇلدى)

ئابلاجاننىڭ سەپەر جەريانىدىكى تاماق، كېيىم، ياتاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە چىقىم كېتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئابلاجان ساخاۋەتچى كارخانىلار ۋە قوللىغۇچىلارنىڭ زور ياردىمىگە مۇھتاج. ساخاۋەتچى كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ قېتىملىق ساخاۋەت پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.


18. دالادا مېڭىش پائالىيىتىدە تاساددىپىي زەخىملىنىش ھەققىدىكى زۆرۈر بولغان قانۇنىي مەسئۇلىيەت تەرتىپى

1) يەلتاپان ئابلاجان مۇختەرنىڭ جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش ئىزاھاتى

2) جاۋاپكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش ئىزاھاتىغا چوقۇم بىۋاستە تۇققانلىرى ئىمزا قويۇشى كېرەك

3) جاۋاپكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش ئىزاھاتىغا چوقۇم قانۇنىي ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئورۇنلىرى گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك.

4) جاۋاپكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش ئىزاھاتىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى: ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا پىيادە مېڭىپ بېرىش داۋامىدا، ھەر قانداق تاساددىپىي زەخىملەر كېلىپ چىقسا، ئابلاجاننىڭ بىۋاستە تۇققانلىرى مېڭىشقا ياردەم قىلغان ئورۇن، تەشكىللىگۈچى ۋە مەستانىلەر توپىدىن ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ، چۈنكى دالادا مېڭىش ئەسلىدىن شەخسىي ھەرىكەتكە تەۋە بولۇپ، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

5) يۇقارقى زۆرۈر بولغان قانۇنىي رەسمىيەتلەر مۇمكىنقەدەر 15 كۈن ئىچىدە تاماملىنىشى كېرەك.

6) قانۇنىي رەسمىيەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە تەييارلىق قىلسا بولىدۇ.


يازمىدا: سەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جاڭلەن (姜岚)

تەرجىمان: ئىسكەندەر جېلىل

فوتو: بەھرام خانبابا، يالقۇن ئوسمان



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش