ئىزدەخەۋەر > شىنجاڭ >
«ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن
مەنبە : خەلق تورى
2017-08-02 00:30:50
ھازىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقى جەۋلان قىلدۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بەس- بەستە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىزگە ئۈلگە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداشتىكى جەڭگىۋار ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھالقىلىق پەيتتە باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىغا ئىلھام بەردى.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن- ئاخىر مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم ئارقىلىق غايە- ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي پىرىنسىپى ۋە سىياسىي ئىنتىزامىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر مۇتلەق سادىق بولىمەن. سىياسىي قائىدە، سىياسىي ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن؛ باش نىشاننى ئىچكى جەھەتتە باشتىن- ئاخىر قەلبىمگە پۈكۈپ، تاشقى جەھەتتە ھەرىكىتىمدە ئىپادىلەپ، ئۇنى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، سىياسىي مەسئۇلىيەت، سىياسىي تەلەپ دەپ بىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىم، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى باشتىن- ئاخىر ساقلايمەن؛ دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلەردە باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، باشتىن- ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، سىياسىي جەھەتتە ھوشيار بولۇپ، باشتىن- ئاخىر تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك، پوزىتسىيەمنى ئېنىق قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  بايرىقىم روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن. قانلىق پاكىت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، «ئۈچ خىل كۈچ» ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىپ، سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلاپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ھەم ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

  مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىمەن. مەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە قەتئىي سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچى بولۇپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن. كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئېنىق تونۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىمەن؛ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلەردە كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تىغمۇتىغ قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتىكى ئاۋانگارتلاردىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن.

  باشلامچىلىق رولىمنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى، بۇ ئۇل تاش ھەممىمىزدىن تىرىشىپ ئاڭلىق پۇختىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. «تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش». جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جەزمەن «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ ۋە قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىمىز؛ ھەممەيلەن جەزمەن ھەر بىر سۆز- ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلىپ، تۇرمۇش، خىزمەتتىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپتىكى كىشىلەر، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بىرىپ ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە يېتەكلەپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك....

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش