ئىزدەخەۋەر > شىنجاڭ >
داۋانچىڭدىن يەرئاستى كۆمۈر قاتلىمى گازى بايلىقى بايقالدى- تەڭرىتاغ تورى
2017-10-07 12:42:38
  ئۆز خەۋىرىمىز: تۆت كۈن بۇرۇن ئوت يېقىپ گاز چىقىرىش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، داۋانچىڭ رايونىدا كۆپ مىقداردا يەر ئاستى كۆمۈر قاتلىمى گازىنىڭ بارلىقى دەلىللەندى.    كۆمۈر قاتلىمى گازى كۆمۈر گازى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، خىمىيەدە مېتان دەپ ئاتىلىدۇ. تازىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان يېشىل ئېنېرگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆمۈر قاتلىمى گازى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، خۇسۇسىيىتى تەبىئىي گاز بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.بىر كۇب مېتىر كۆمۈر گازى  بىلەن 1.13 كىلوگىراملىق بېنزىن ئىشلەپچىقارغان ئىسسىقلىق قىممىتى ئوخشاش.   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، داۋانچىڭ يەر ئاستى كۆمۈر قاتلىمى گازىنىڭ زاپىسى مول بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 127 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 27 كىلومېتىر، گاز مەيدانى كۆلىمى تەخمىنەن 455 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىكەن. كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىشقا ماس كېلىدىغان چوڭقۇرلۇق 500 مېتىردىن 1500 مېتىرغىچە ئىكەن، كۆمۈر قاتلىمى گازىنىڭ گېئولوگىيە زاپىسى 100 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپىدىكى ئېچىش قىممىتىگە ئىگە ئەڭ چوڭ كۆمۈر قاتلىمى گاز مەيدانى ھېسابلىنىدىكەن.   ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گاز بايلىقى مول بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر قاتلىمى گازى بايلىق مىقدارى 9 تىرىليون 500 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن، بۇ، مەملىكەت بويىچە مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر قاتلىمى گازى مىقدارىنىڭ %26 ىنى ئىگىلەيدىكەن.
...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش