ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
داڭلىق توپچى جىرراد لىۋېرپولغا قايتىپ ياردەمچى مەشقاۋۇل بولىدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2016-03-27 13:23:58


تېڭشۈن تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە تاراتقۇسى «قۇياش گېزىتى» نىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى رىۋايەتلىك توپچىسى جىرراد يەنە ئەنفىلېد پۇتبول مەيدانىدا قايتىپ كەلمەكچى بولىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئەمدى ياردەمچى مەشقاۋۇل بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن. ئۇنىڭ لىۋېرپول كوماندىسىدىكى تەسىرى ۋە كۇلۇب تارىخىدىكى ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جىررادنىڭ قايتىپ كېلىشى لىۋېرپول كوماندىسىغا نىسبەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ.

جىرراد گەرچە ھازىر ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىكى لوس ئانجېلېس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ لىۋېرپولغا قايتىش ئىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل توختام توشقان ھامان دەرھال لىۋېرپولغا قاراپ ئاتلىنىدىكەن، بەزىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، جىررادنىڭ لىۋېرپولغا قايتىشى %100 ئىكەن. ئۇ لىۋېرپولدا مەشقاۋۇل سالاھىيىتىدە كوماندا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جىرراد كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدا لىۋېرپول كوماندىسدا ئۇزۇن مەزگىل توپ تەپكەن بولۇپ، لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ ھازىرقى مەشقاۋۇلى كىلوپمۇ ئۇنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىشلىق مەشق جەريانىدا كىلوپ جىررادقا ياخشى باھا بەرگەن، كىلوپ شۇ چاغدا مۇنداق دېگەن: ئۇ دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر توپچىنىڭ بىرسى، ھازىر بەدەن ھالىتىمۇ ياخشى» جىرراد لىۋېرپول كوماندىسىنى ياخشى چۈشىنىدۇ، بۇ يەرگە كەلسە كىلوپنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ يەنە تۆھپە قوشىدۇ. جىررادنىڭ ئارزۇسى كېيىن ياراملىق بىر مەشقاۋۇل بولۇش، لىۋېرپول كوماندىسدا كىلوپتىن تەجىربە ۋە تاكتىكا ئۆگىنىدۇ، لىۋېرپولنىڭ بۇ سادىق جەڭچىسى كېيىنكى كۈنلەردە كوماندىنىڭ مەشقاۋۇللۇق قامچىسىنى قولىغا ئېلىشى مۇمكىن!




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش