ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
راشفوردنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىشى چەكلىنىدىكەن
مەنبە : نۇر تورى
2016-03-28 10:53:17

بۇ پەسىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ھۇجۇم سېپى يارىدارلار بىلەن توشۇپ كەتتى، بۇنىڭغا ئامال قىلالمىغان مەشقاۋۇل ۋانگال ياشلار كوماندىسىدىكى راشفوردنى بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا ئېلىپ چىقتى، بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا چىققان ئېنگلاندلىق بۇ ياش 8 مەيدان مۇسابىقىدە 5 توپ كىرگۈزۈپ ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇردى، ھەم مۇھىم بولغان ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا تۆھپە قوشتى. «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانچېستىر بىرلەشمىسىدە ياشلار كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، راشفوردنىڭمۇ بىرىنچى سەپ كوماندىسى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىشى چەكلەنگەن.

راشفورد ياشلار كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىشى چەكلەنگەن، چۈنكى مانچېستىر بىرلەشمىسى ياشلار كوماندىسى ۋە بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ئايرىم ئىكەن. ياشلار كوماندىسىدىكى توپچىلار ئادەتتە بىرىنچى سەپ كوماندىسى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە مەشىق قىلسىمۇ، مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چوقۇم ياشلا كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قايتىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بىرىنچى سەپ كوماندىسىدىكى توپچىلار بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىكەن، بىراق ياشلار كوماندىسىدىكى توپچىلار باشقا يەردە تاماق يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ھەتتا گىگىس باشچىلىقىدىكى مەشقاۋۇللار گورۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ ياشلار كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ ئالدىرىماي ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى تېزلا بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلمايدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش