ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
چېلسى ماھىرى كوستاغا ئېغىرلىتىپ چارە كۆرۈلدى
مەنبە : نۇر تورى
2016-04-02 11:31:05

سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىلى 1-ئاپرېل ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى، چېلسى كوماندىسىنىڭ ماھىرى كوستاغا بىر مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش ۋە 20 مىڭ فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇش، جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. چارە كۆرۈشنىڭ سەۋەبى:

12-مارت ئېنگىلاد لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېلسى كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئېۋېرتون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن. مۇسابىقىدە كوستا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قىزىل كارتا جازاسى بېرىلىپ مەيداندىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي رېپىرغا قوپاللىق قىلىپ نامۇۋاپىق سۆزلەرنى قىلغان.

چارە كۆرۈلگەندىن كېيىن كوستا ئاستون ۋېللا، سۋانسېئا ۋە غەربىي ھام بىرلەشمىسى قاتارلىق 3 كوماندا بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، 16-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان چېلسى كوماندىسى بىلەن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ.

كوستانىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى توپ تېپىش ئۇسلۇبى ناھايىتى قوپال بولۇپ، دائىم غۇلغۇلا قوزغايدىغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى نامى چىققان «جېدەلخور» غا ئايلىنىپ قالغان. كوستانىڭ بۇ خىل قوپال ئىش ھەرىكەتلىرى ۋە رىپىرلارنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان ئەخلاقسىز قىلمىشى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.

ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى، رېپىر ۋە ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى، ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن كوستاغا چارە كۆرۈپ، ئىش- ھەرىكەت، گەپ-سۆزلىرىگە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. كوستامۇ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چارىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش