ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
نويېر گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە 150 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىنى ياراتتى
مەنبە : نۇر تورى
2016-04-04 09:57:18

بايرىن مىيۇنخېن 1-0 نەتىجە بىلەن فرانكفۇرتنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدىن كېيىن، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە فرانكفۇرتنىڭ بايرىن مىيۇنخېنغا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىپ توپ ئۇرالماسلىق رېكورتى بارلىققا كەلگەندىن سىرت، بايرىن قاپقىچىسى نويېرمۇ بىرلەشمىدە 150 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىنى ياراتتى.

نويېر 311 مەيدان گېرمانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 150 مەيدان توپ كەتكۈزمىگەن، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان قاپقىچىلاردىن ئولىۋېر رېك بىلەن بايرىننىڭ رىۋايەتلىك قاپقىچىسى كائېنلا بار، رېك گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە 172 مەيدان توپ كەتكۈزمىگەن، كائېن بولسا 196 مەيدان توپ كەتكۈزمىگەن. ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن نويېرنىڭ بۇ رېكورتنى بۇزىشى ۋاقىت مەسىلىسىلا خالاس.

بايرىن مىيۇنخىېن 28 ئايلانما مۇسابىقىدە ئاران 13 توپ كەتكۈزگەن، ئىككىنچى ئورۇندىكى ئاز توپ كەتكۈزگەن بېرلىن ھېرتا 27 توپ كەتكۈزگەن. نويېر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا «ئەگەر بىر توپ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتسەك مۇداپىيەنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا غەلىبىگە ئاساس سالغىنى بولىدۇ، بۈگۈنكى مۇداپىيەرىمىز ناھايىتى ياخشى بولدى» دېگەن.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش