ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
لىۋېرپول ئورگان تورىدا ئوۋېننىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2016-04-22 23:14:34

شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى قىزىل ئارمىيە لىۋېرپول ئورگان تورىدا، بۇرۇنقى داڭلىق چولپان مايكول ئوۋېننىڭ كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى ئوبراز ۋەكىلى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لىۋېرپولنىڭ ئورگان ئوبراز ۋەكىلى بولغان ئوۋېن بۇندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادىكى لىۋېرپول مەستانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پائالىيىتى ۋە لىۋېرپولنىڭ ھەرقانداق سودا پائالىيىتىگە ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىدۇ.

لىۋېرپول ئورگان تورىدا يەنە، ئوۋېن لىۋېرپول تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇ لىۋېرپولدىكى يەتتە يىل جەريانىدا 297 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 158 توپ كىرگۈزدى، 2001-يىلى لىۋېرپول بىلەن كۇلۇب تارىخىدىكى بەشىنچى قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى. تىخىمۇ قالتىس بولغىنى، ئارسېنال بىلەن ئوينالغان ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككى توپ كىرگۈزدى.2001-يىلى ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى دەپ يازغان.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش