ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچقا كاتالۇنىيە مۇستەقىللىق بايرىقىنى ئېلىپ كىرىش چەكلەندى
مەنبە : نۇر تورى
2016-05-19 21:58:47

zhibo8 خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەر ۋاقتى چارشەنبە كۈنى، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى يىغىندا، ئىسپانىيە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مادرىدتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دانكاسا توپ مەستانىلىرىنىڭ كاتالۇنىيە مۇستەقىللىق بايرىقىنى ئېلىپ مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىشىنى چەكلەشنى قارار قىلدى.

بارسېلونا بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقى توغرىلىق بايانات ئېلان قىلغان، كاتالۇنىيە رايونىنىڭ رەئىسى Carles Puigdemont بۇ قارارغا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولغان، ئۇ ئۆزىنىڭ قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇرۇشنى شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ تۈرلۈك چەكلەش قارارىغا قوشۇلمايمەن، شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى كۆرگىلىمۇ بارمايمەن».

كاتالۇنىيە رايونىنىڭ رەئىسى Carles Puigdemont ۋە ۋالېنسىيە رەئىسى Seamus Puig بىر مەيدان ئورگان پائالىيىتىگە قاتناشقاندا: «مۇستەقىللىق بايرىقى قانۇنلۇق بايراق، پۈتۈنلەي ئاممىۋىلاشقان، بۇ بايراقنى كاتالۇنىيە خەلقى ئۆيىنىڭ بالكونىغا ئېسىپ قويىدۇ، شۇنداقلا نەچچە مىليون كاتالۇنىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ لەپىلدەپ تۇرىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە «مەن يەنىلا قاتناشسام بولمايدۇ، مەن قاتناشمايمەن، پەقەت بارسېلونا توپ مەستانىلىرىنىڭ سۆز ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش بۇنىڭ سىرتىدا» دېگەن.

شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدىكى 2500 ساقچى، ئامانلىق ساقلىغۇچى، قىزىل كىرست خادىملىرى مۇسابىقە بىخەتەرلىكى ۋە تەرتىپىنى قوغدايدۇ. توپ مەستانىلىرى مەيدانغا كىرىشتىن ئاۋۋال، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرىدىغان ئىككى ئىشىكتىن ئۆتىدۇ، ئۇلار يەنە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن بارلىق نەرسە كېرەكلىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش