ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
بىر چاقناپلا ئۆچكەن ئۈچ تالانت ئىگىسى: كىمنىڭ قىسمىتى سىزنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ؟
مەنبە : نۇر تورى
2016-07-19 14:30:45

نۇر تورى تەرجىمىسى:

90-يىللاردا تۇغۇلغان تالانتلىق پۇتبول ماھىرلىرى ئاز ئەمەس، بىراق تېز چاقناپ تېز ئۆچكەن بۇ ئۈچ ماھىر كىشىنىڭ ئەپسۇسلىقىنى قوزغايدۇ. قېنى، قايسىسىنىڭ تەقدىرى ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغان؟

1. بويان

ئىسپانىيەلىك بۇ ئالتۇن ئۆسمۈر ياش تۇرۇپلا پۇتبول مەيدانىدا چاقنىغان ماھىرلارنىڭ بىرى. ئۇ بىرىنچى سەپ كوماندىغا تاللىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بارسېلونا كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ ياش مەيدانغا چىقىش رېكوتى ۋە توپ كىرگۈزگەن ئەڭ ياش ماھىر رېكورتىنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئىككى رېكورتنى ساقلاپ كەلگۈچى ھازىرقى زامان پۇتبول پادىشاھى مېسسى ئىدى.

بويان 18 ياشقا توشماي تۇرۇپلا ئىسپانىيە كوماندىسىغا تاللانغان. بىراق بوياننىڭ كېيىنكى يوللىرى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدا ئىزچىل ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىنى تاپالمىدى. كېيىن رىم، ئا س مىلان كوماندىلىرىغا ئىجارىگە بېرىلدى. ھازىر ئۇ ئەنگىلىيە بىرلەشمىسىدىكى سىتوك شەھىرى كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتىدۇ.

2.بالوتېللى

گەرچە داۋاملىق تاراتقۇلارغا ئويۇن قويۇپ بېرىدىغان خۇيى بولسىمۇ ئەمما بالوتېللىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭ تېخنىكىسى ۋە بەدەن ساپاسى ياخشى، ياش تۇرۇپلا يېشىغا ماس بولمىغان سالماقلىقنى يېتىشتۈرگەن. 2012-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ ئىتالىيەنى ھەل قىلغۇچقا ئېلىپ كىرگەن. توپ مەستانىلىرى ئۇنى كەلگۈسىدىكى مېسسى، رونالدونىڭ ئىز باسارى دەپ قاراشقان. بىراق ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تولىمۇ ئېچىنىشلىق، بەزى مەلۇماتلاردا ئۇنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ توپ تېپىدىغانلىقى تارقىلىپ يۈرمەكتە.

3. گوتىز

گوتىز ئىلگىرى دورتموند كوماندىسىدا داڭ چىقارغان. دورتموندىكى ۋاقىتتا كىشىلەر ئۇنى 90-يىلدىن كېين تۇغۇلغان توپچىلار ئىچىدىكى گىگانت چولپانغا ئايلىنىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. ئۇنىڭغا يەنە «گېرمانىيەلىك مېسسى» دەپ نام بەرگەن. ئۇنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 113-مىنۇتتا ئارگېنتىنانى بوغۇزلاپ تاشلىشى ئۇنى گېرمانىيەلىك ئېينىستاغا ئايلاندۇرغان. بىراق بايرېن مىيۇنخىن كوماندىسىغا يۆتكەلگندىن كېيىن ئۆز ئىپادىسىنى يوقىتىپ، زاپاس ئەزا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ھازىرقى گوتىزنى نېيمار بىلەن ھەرگىز سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ يازدا بەلكىم ئۆز ئائىلىسى بولغان دورتمۇندغا قايتىشى مۇمكىن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش