ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى VS چىڭداۋ سېرىق دېڭىز
مەنبە : نۇر تورى
2016-07-23 10:16:26

جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 19-ئايلانما مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا چىڭداۋ سېرىق دېڭىز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى VS چىڭداۋ سېرىق دېڭىز

مۇسابىقە ۋاقتى: 7-ئاينىڭ 23-كۈنى (شەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 5 دە؛

مۇسابىقە ئورنى: شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى (ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانى)

ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان چىڭداۋ جوڭنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، 1:2 ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىسىدە قارشى تەرەپنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن تەڭلىشىپ قىلىپ، قىممەتلىك ئۈچ نومۇرنى كەتكۈزۈپ قويدى. ئالدىنقى 18 ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى 7 مەيدان ئۇتۇپ، 6 مەيدان تەڭلىشىپ، 5 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 20 توپ كىرگۈزۈپ، 17 توپ كەتكۈزگەن. ھازىر 27 جۇغلانما نومۇر بىلەن بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە 8-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.

چىڭداۋ سېرىق دېڭىز كوماندىسى بولسا ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە ساھىبخان مەيداندا مېيجۇ كېجيا كوماندىسى بىلەن 1:1 تەڭلىشىپ قالدى. چىڭداۋ سېرىق دېڭىز كوماندىسى ئالدىنقى 18 ئايلانما مۇسابىقىدە 10 مەيدان ئۇتۇپ، 2 مەيدان تەڭلىشىپ، 6 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 32 جۇغلانما نومۇر بىلەن بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە 3-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.

ئىككى كوماندىنىڭ بۇ پەسىللىك تۇنجى ئۇچرىشىشىدا چىڭداۋ سېرىق دېڭىز كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ قېتىم جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۆچىنى ئېلىشقا تىرىشىدۇ.

ھازىر بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، توپ مەستانىلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ ياكى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدىن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ. ئاخىردا توپخۇمار دوستلارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش