ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
ئوت كوماندىسى ئۇدا ئون مەيدان غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى
مەنبە :
2013-12-05 15:27:18
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى نۇر تور تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 4- كۈنى سەھەردە، 2013-2014- پەسىللىك ئامېرىكا كەسپى ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 19- ئايلانما باسقۇچى ئىلىپ بېرىلىپ، ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيون ئوت كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا پورشىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئوت كوماندا ئەزاسى لېبران جامېس 23 نومۇر ئالغان بولسىمۇ لېكىن ئاخىرى ئۇلار 97- 107 نەتىجە بىلەن پورشىن كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇدا ئون مەيدان غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، كوماندا ئەزاسى دېۋىن ۋاد قاتناشمىدى؛ لىبران جامېس 23 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ كرېس پوش 14 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ زاپاس ئەزا مايكېر بىسرى 23 نومۇر ئالدى؛ لى ئارون 12 نومۇر ئالدى.
پورشىن كوماندىسى ئۇدا ئىككىنچى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كوماندا ئەزاسى كورگو مېنرو 16 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ يوش شىمېس 15 نومۇر ئالدى؛ براندون جانېس 15 نومۇر ئالدى ۋە بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئاندېرى دراد ئون نومۇر، 18 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ زاپاس ئەزا كېر شېگرى 18 نومۇر ئالدى؛ رودىن ستاگ 16 نومۇر ئالدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش