ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
كونتېنىڭ چېلسىدا قوللانغان 3-4-3 سىستېمىسىغا نەزەر
مەنبە : نۇر تورى
2016-12-31 16:21:41

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئانتونىئو كونتې 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىتالىيەنىڭ لېچچېدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى لېچچې ياشلار كوماندىسىدا توپ تېپىشكە باشلىغان، شۇ يىلى ئۆزىنىڭ ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان. يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن كېيىن، رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا ئۇزۇن مەزگىل كوماندىنىڭ كاپىتانى بولغان. توپچى ۋاقتىدا كونتې بولسا يۇۋېنتۇسنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىدىكى مۇستەھكەم توساق ئىدى.

2005-يىلى كونتې سىئېنا كوماندىسىدا لۇيگى دې كانىئو (Luigi De Canio)غا ياردەمچى مەشقاۋۇل بولۇپ ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىدى.

بېيجىڭ ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ، چېلسى ئورگان تورى ھازىرقى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى كونتېنىڭ كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ كوماندىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئىككى تەرەپ ئۈچ يىللىق توختام تۈزدى، كونتېنىڭ يىللىق مۇئاشى بەش مىليون فوندستېرلىڭ بولدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش