ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
پىك مۇسابىقىدىن كېيىن كۆرۈش سۇپىسىغا قاراپ ئۈنلۈك ۋارقىراپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-09 16:32:23

نۇر تورى تەرجىمىسى:

پىك يەنە زور بىر قېتىملىق تالاش-تارتىش كەلتۈرۈپ چىقاردى، ۋىللارېئال بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن پىك بىگىز بارمىقىنى كۆرۈش سۇپىسغا قارىتىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىرىغان، ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پىك بارمىقىنى ئىسپانىيە بىرلەشمسنىڭ رەئىسى تېۋاسقا قاراتقان دەپ خەۋەر قىلغان.


ۋىللارېئال بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىنكى پىك كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە ماڭغان، دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇ تۇيۇقسىز توختاپ كۆرۈش سۇپىسغا قاراپ ئۈنلۈك ۋارقىرىغان.

كاتالونىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»، «ئا س گېزىتى» ۋە «OndaCero» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كەينى-كەينىدىن بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغان. ئەينى چاغدا پىك بارمىقىنى باشقىلارغا قاراتماستىن بەلكى كۆرۈش سۇپىسىدا ئولتۇرغان ئىسپانىيە كەسپىي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى تېۋاسقا قاراتقان ئىكەن.

پېك ئەينى چاغدا ۋارقىراپ: «سەن كۆردۈڭمۇ؟ توغرا! توغرا! سەن شۇ، دەل سەن شۇ!!!» دېگەن.

20170109140057754.jpg

بۇ پىكنىڭ ئۇدا ئىككى مەيدان تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا بىلباۋ ئاتىلېتكا بىلەن بولغان شاھ لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىن پىك ئىپادە بىلدۈرۈپ: «رېپىر چوقۇم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك» دېگەن ئىدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش