ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى سەككىز نەپەر توپچى بىلەن توختام ئۇزارتىشنى تاماملىدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 12:10:53

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسدىكى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئورگان تورىدا، كوماندىدىكى 8 نەپەر توپچى بىلەن توختام ئۇزارتىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

كۇلۇبنىڭ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

«يېقىندا بىز سەي شى، شۈ چىڭ، گۇ جۈنجيې، سۇڭ شيې، چى يۈنفېي، دىڭ رۈنشەن، مەھمۇت ۋە يەھيا قاتارلىق 8 نەپەر توپچى بىلەن توختام ئۇزارتىشنى تاماملىدۇق».

«بىز توختام ئۇزارتقان توپچىلارنىڭ كەلگۈسىدە كۇلۇبقا كۈچ قوشۇشىنى، بىزگە ۋە مەستانىلەرگە نادىر مۇسابىقلەرنى تەقدىم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

نۆۋەتتە تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ كوماندا ئەزالىرى دۇڭگۇەندە يىغىلىپ مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ، 2017-يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

يېڭى مۇسابىقە پەسلى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش