ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
كىرىستىيانو رونالدو 2016-يىللىق «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باھالاندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 12:11:04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ 11:30دا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يىللىق باھالاش مۇراسىمىنىڭ ھەرقايسى مۇكاپات تۈرلىرى شىۋېتسارىيە سىيۇرىختا ئۆتكۈزۈلگەن باھالاش مۇراسىمدا ئېلان قىلدى.

http://video.sina.com.cn/view/250931768.html

ھەممە دىققەت قىلغان كىرىستىيانو رونالدو 2016-يىللىق «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باھالاندى.

«دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» مۇكاپاتى 1991-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان، 2010-يىلى بۇ مۇكاپات «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى (FIFA Ballon d'Or) دەپ ئاتالغان.

 

2016-يىلدىن باشلاپ ئالتە يىل بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ ئىككى مۇكاپات تۈرى ئايرىلغان بولۇپ، «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى»نى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئايرىم باھالاشنى يولغا قويغان.

2016-يىلى رونالدو ئۈچۈن مول-ھوسۇللۇق بىر يىل بولغان، بۇ يىلدا ئۇ خانلىق مادىرىد بىلەن بىرلىكتە كۇلۇب تارىخىدىكى 11-قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسنى قولغا كەلتۈرگەن، ھەمدە تاق پەسللىك ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسدە 16 توپ كىرگۈزۈپ ئۇزغۇنلۇق مەرگىنى بولغان، خانلىق مادىرىد بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسنى قولغا كەلتۈرگەن.

رونالدونىڭ باشچىلىقىدا خانلىق مادىرىدنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ئىنتايىن تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇپ، بىرلەشمىدە بىر ئايلانما مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىرلەشمە رەت-تەرتىپىدە چوققىدا تۇرماقتا.

20170110033351880.jpg

دۆلەت كوماندىسغا قارايدىغان بولساق، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسدا ئۇ پورتۇگالىيەنى باشلاپ دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى تۇنجى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بولغان ياۋروپا لوڭقىسنى قولغا كەلتۈرگەن.

ياۋروپا لوڭقىسى ۋە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسدا رونالدونىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغانلىقتىن، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى 4-قېتىملىق «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا رونالدو يىللىق ياۋروپا قىتەسىدىكى ئەڭ قالتىس تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتىغا ۋە يىللىق ئەڭ قالتىس توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2016-يىلدىكى كىرسىتىيانو رونالدونىڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرى:



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش