ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
بەش كىشلىك پۇتبول شاھى FIFA «ئۆمۈرلۈك ئۇتۇق» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:47:40

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى تۆنۈگۈن كەچ 11:30دا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2016-يىللىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى شىۋېتسارىيەنىڭ سىيۇرىختىكى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلدى. 39 ياشلىق بەش كىشلىك پۇتبول رىۋايەتلىك چولپىنى بىرازىلىيەلىك فالكاۋ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ «ئۆمۈرلۈك ئۇتۇق» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ھەممە ئېتراپ قىلغان بەش كىشىلىك پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرازىلىيەلىك رىۋايەتلىك چولپان فالكاۋ بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 201 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 339 توپ ئۇرغان. گەرچە ئۇ ئاللىقاچان دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئۇ قاتناشقان بەش قېتىملىق بەش كىشىلىك پۇتبول دۇنيا لوڭقىسىدا جەمىئىي 48 توپ ئۇرۇپ، بۇ مۇسابىقە تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغۇچىغا ئايلانغان. فالكاۋ يەنە تۆت قېتىم بەش كىشىلىك پۇتبول يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى شەرىپىگە ئېرىشكەن، بىر قېتىم خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ زال ئىچى پۇتبول دۇنيا لوڭقسىنىڭ ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا، ئىككى قېتىم بەش كىشىلىك پۇتبول دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇكرائىنانىڭ رىۋايەتلىك پۇتبول چولپىنى، ھازىرقى ئۇكرائىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى شېۋچېنكو فالكاۋغا مۇكاپات تارقاتتى. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ فالكاۋغا بۇ مۇكاپاتنى بېرىشى ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى «ھۆكۈمران»لىقىدىن باشقا، فالكاۋنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ تارقىلىشىغا بولغان رولى ۋە تەسىرىنى ئىسپاتلايدۇ. مەيلى مەيدان ئىچى ۋە سىرتىدا بولسۇن، فالكاۋنى بەش كىشىلىك پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس توپچى دېيىشكە بولىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش