ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
«تەڭرىتاغ يىلپىزى»دىن يېڭى شەپە كەلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:47:44

گەرچە سوغۇق ئىلگىرىكىدەك قاتتىق بولمىسىمۇ، ئەمما «يىلپىز»نىڭ قىشنى چىقارمىقى تەسكە توختاپتۇ، دېگەن خەۋەر تارىلىپ، بىر قىسىم پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغانىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭدىن شادلىق شەپىسى كېلىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى يىلدا يېڭى پەللىگە تەييارلىنىۋاتقىنىنى بىلدۇق.

خۇبېي «خۇاكەيئېر» پۇتبول كۇلۇبىنى تەڭرىتاغ ئېتىكىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، «تەڭرىتاغ يىلپىزى» دەپ ئات قويغىنىغىمۇ ئۈچ يىل بولدى. بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا «يىلپىز» سەپنىڭ ئالدىغىمۇ چىقىپ كەتمىدى، سەپنىڭ كەينىگىمۇ چۈشۈپ قالمىدى. بىراق بۇ يىل كۆپ قىسىم ئۈچ يىللىق توختام تۈزۈپ كەلگەن توپچىلارنىڭ توختام ۋاقتى توشقانلىقى، ھەمدە چەتئەللىك ماھىرنى يېڭىلاش ئۈچۈن «تەڭرىتاغ يىلپىزى» زور بىر تۈركۈم يېڭى توختام تۈزۈشكە توغرا كەلدى.

تەڭرىتاغ يىلپىزى ئەسلىدىمۇ مەبلەغ جەھەتتە دېگەندەك يېتىشەلمەي كېلىۋاتقان كوماندا بولغاچقا، بۇ يىلدىكى كۆپ قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن قايتا توختام تۈزۈش ئىشلىرى «تەڭرىتاغ يىلپىزى»غا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭ بېسىم ئېلىپ كەلدى. شۇڭا مەبلەغ يېتىشمەمدۇ قانداق دەيدىغان غۇلغۇلىنىڭ بولغىنىمۇ راست.

ئۆتكەن يىلى، «تەڭرىتاغ يىلپىزى» كوماندىسى جۇڭگو ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، مەبلىغى جەھەتتە ئەڭ ئارقىغا تىزىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇسابىقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى بۆلىكى ئاخىرلاشقاندا 4-ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ كىشىلەرگە ئاز تولا ئۈمىد بېغىشلىغان ئىدى، بىراق كېيىنكى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجە ئالالماي 11-ئورۇندا شۇ پەسىللىك مۇسابىقىنى تۈگەتكەن.

بۇ يىل «تەڭرىتاغ يىلپىزى» كوماندىسى كۆپ تەرەپلەرنىڭ ياردىمىدە بىرقىسىم باش ئاغرىقلىرىدىن قۇتۇلدى، ھەمدە كۆپ قىسىم تەنھەرىكەتچىلىرى يىغىلىپ تەييارلىق مەشىقىگىمۇ چۈشۈپ بولدى. توختام مۇددىتىنى ئۇزارتقان بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر ۋە كونا-يېڭى قوبۇل قىلىنغان شىنجاڭلىق توپچىلار ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ۋۇخەندە مەشىقنى باشلىۋەتكەن. 5-يانۋار ئۇلار دۇڭگۈەندە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

كۇلۇب مەسئۇلى سۈن ئەيجۈن يىلدا چەتئەللىك ماھىر ئالماشتۇرىۋەرسە، كوماندا بىلەن ئۇلارنىڭ ماسلىشىشىغا كۆپ ۋاقىت سەرپ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە چەتئەللىك ماھىر تاللاشتا ياشلارنى ئاساس قىلىپ، ئۇزۇن يىللىق توختام تۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كۇلۇب بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«تەڭرىتاغ يىلپىزى» دېمىسىمۇ ئۆتكەن يىلى ئىشلەتكەن چەتئەللىك ماھىرلىرى بىر-بىرىدىن ئۆتە پېشقەدەملەر ئىدى. بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن، مۇداپىئە سېپىدىكى پىداكارلىقى بىلەن جۇڭگودا 12 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، بىرازىلىيەلىك پېشقەدەم مۇداپىئەچى ۋېنسېنتېنىڭمۇ ۋاقتى توشتى. ئۇنىڭ قېلىپ قېلىش خىيالى باردەكمۇ تۇرىدۇ، ناۋادا ئۇ يەنە داۋاملىق جۇڭگودا توپ تەپسە، ئۇنىڭ «جۇڭگودىكى سەپىرى» يېڭى رېكورتلارنى يارىتىشى مۇمكىن. ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە جۇڭگودىكى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەڭ ئۇزۇن توپ تەپكەن چەتئەللىك ماھىر بولۇپ ھېسابلانماقتا.

بىراق چەتئەللىك ماھىرلارنىڭ قالغانلىرى ئاللىبۇرۇن كوماندىدىن ئايرىلدى. ئۆتكەن يىلى، شياڭگاڭلىق ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن چەتئەللىك ماھىر ھېسابلانمايدىغان يېرىنى كۆزلەپ توختاملاشقان ئىتاپارىكا بىلەن كوماندىنىڭ توختام مۇددىتى توشتى، ھەم ئۇنى يولغا سالدى. ئىتاپارىكاغۇ شىنجاڭ كوماندىسىدا خېلى ئوبدان توپ تەپكەن، ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۇنىڭ يىراقتىن تېپىپ كىرگۈزگەن توپلىرى شىنجاڭلىق مەستانىلەرنى خۇرسەن قىلغان. بىراق ئۇنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە باردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل ئۇمۇ بىر چەتئەللىك ماھىرنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان يېرى بار. شۇڭا ئۇ شياڭگاڭغا قايتىپ يەنە بىر كۇلۇبقا قوشۇلۇپ بولغان. رۇدىنىي ۋە فاجىكلارمۇ ئاللىبۇرۇن كوماندىدىن ئايرىلغان.

نۆۋەتتە «تەڭرىتاغ يىلپىزى» كوماندىسى سەي شى، شۈ چىڭ، سوڭ شى، گۇ جۈنجيې، چى يۈنفېي، دىڭ رۈنشەن، جوۋ خېڭ، يەن جىيۈ، مەخمۇت، يەھيالار بىلەن توختام ئۇزارتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بار. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭلىق توپچى پەرھات ئەبەيدۇللامۇ تەڭرىتاغ يىلپىزى بىلەن توختاملاشقان. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كونكېرىت تىزىملىكىنى بىز كېيىن يەنە داۋاملىق ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزىمىز.

بۇنىڭدىن تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» كوماندىسى بۇ يىل شىنجاڭلىق ماھىرلاردىن كۆپرەك پايدىلىنىشى مۇمكىن. ساھىبخان مەيداننىڭ جۇشقۇن كەيپىياتىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن، ئۇلار يېقىندا «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول مەستانىلىرى تەشكىلاتى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جۇڭگو ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى باشلىنىپ 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاياغلىشىدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش