ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
NBA پەسىللىك مۇسابىقە: تالانتلىقلار كوماندىسى 99:101 بۇقا كوماندىسى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-11 18:25:52

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىدە، تالانتلىقلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بۇقا كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، تالانتلىقلار كوماندىسى 99:101 نەتىجە بىلەن بۇقا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. تالانتلىقلار كوماندىسى بىرلەشمىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلدى، بۇقا كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۇقا كوماندىسىدىن ۋالېنتىنې 19 نومۇر ئېلىپ، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋىللىيامىس 14 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ روبىن لوپېز 14 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ پورتىس 13 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ روندو 12 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 3 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ گىرانت 9 نومۇر ئېلىپ، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ گىبسون 10 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم توپ قېقىۋەتتى.

تالانتلىقلار كوماندىسىدىن ۋال 26 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 14 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 5 قېتىم سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى؛ بېل 19 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ موررىس 19 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم توپ تارتىۋالدى، 6 قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى؛ گورتات 10 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سىمىس 7 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ پورتېر 11 نومۇر ئېلىپ، 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش