ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
بوكس ئوغلانىمىز ئېلشات ئىككىنچى ئۇچرىشىشتىلا رەقىبىنى يەر چىشلەتتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-02-27 10:02:34

ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىدە، ئالدىنقى مەزمۇندا يوللىغان خەۋىرىمىزگە ماس ھالدا، ئوغلانىمىز ئېلشات ئەنۋەر بىلەن تايلاند ماھىرى چالىمپور ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان ئۈستۈنلۈك تالىشىش جېڭى ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەقىقەتەن بوكس ھەۋەسكارلىرىنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك ناھايىتى جىددى بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ھەر ئىككى تەرەپ ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ توختىماستىن شىددەتلىك مۇشت ئېتىشتى، ئۇلار قارىماققا خۇددى قىساسى بار شىرلاردەك بىر-بىرىگە ئېتىلىپ تۇراتتى، ناھايىتى كەسكىن ئېلىشىشلار ئىچىدە بىرىنچى ئۇچرىشىشمۇ ئاخىرلاشتى.

ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئوخشاشلا ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم باشلىدى، مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ئوغلانىمىز ئېلشات رەقىبىنىڭ قالدۇرغان يوچۇقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كۈچلۈك بىر مۇشت بىلەن رەقىبىنى دۈملا چۈشۈرۈۋەتتى.

قارشى تەرەپ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئېرشاتقا ئېتىلىپ كەلدى، ئېرشات يەنە ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن بىر مۇشت ئېتىپ رەقىبىنى يەر چىشلەتتى، چالىمپورننىڭ بۇ قېتىملىق يىقىلىش ھالىتىدىن ئۇنىڭ ئاساسەن ھالسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى، بۇنى بايقىغان رېپىر دەرھال مۇسابىقىنى توختىتىشقا بۇيرۇق بېرىپ، چالىمپورننىڭ تېخىمۇ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

دېمەك، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئوغلانىمىز ئېلشاتنىڭ رەقىبىنى KO قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ئوغلانىمىز ئېلشاتنىڭ دۇنيا بوكسچىلار تۆت چوڭ تەشكىلاتى بوكسچىلار رەت-تەرتىپىدىكى ئورنى يەنىمۇ ئالدىغا سۈرۈلۈپ، ئۇنى تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەرگە يېقىنلاشتۇردى، ئەمدى تۆۋەندە مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش