ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
ئىرپان: مېنىڭ كەسپىي ھاياتىم تېخى ئۇزۇن، بۇ پەقەت بىر باشلىنىش
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-20 17:40:43

ئۈرۈمچى ۋاقتى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو u19 ياشلىقلار كوماندىسىدىكى ئىرپان ئۆزىنىڭ شەخسىي مىكروبلوگىدا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تېرىشىپ تېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپنىڭ ۋىدېئوسىنى قوشۇپ يوللاپ قويدى.

تۈنۈگۈن ئوينالغان «مۆشۈكئېيىق لوڭقىسى»مۇسابىقىسىدە، ئىرپان قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىنتايىن چىرايلىق بولغان تەتۈر ئىلمەك توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگو u19 ياشلىقلار كوماندىسى 1-4 نەتىجە بىلەن ۋېنگىرىيە u19 ياشلىقلار كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئىرپان كىرگۈزگەن بۇ توپ مەستانىلارنىڭ قاتتىق قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، مەيلى نەق مەيداندىكى مەستانىلەر بولسۇن، ياكى تېلېۋىزور ئالدىدىكى تاماشىبىنلار بولسۇن، ھەممەيلەن ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپىدىن قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى، توپ كىرگۈزگەندىن كېيىنكى بۇ شىنجاڭلىق ياش توپچىنىڭ ئارقا موللاق تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئىنتايىن قالتىس بەدەن ساپاسىنى نامايەن قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىيىمىدىكى كوماندا بەلگىسىنى سۆيۈپ قويدى. ئىرپان مىكروبلوگدا مۇنداق دېدى: «مەن يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمنى ئىسپاتلىدىم. مېنىڭ كەسپىي ھاياتىم تېخى ئۇزۇن، بۇ پەقەت بىر باشلىنىش، مەن تېخىمۇ تېرىشىمەن».



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش