ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
فەنەرباغچە ياۋروپا ۋاسكېتبول ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-23 14:11:14

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 22-ماي سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان 2016-2017-پەسىللىك ياۋروپا ۋاسكېتبول ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تۈركىيە فەنەرباغچە كوماندىسى 80-64 نەتىجە بىلەن گىرېتسىيە زەردارى ئولىمپىياكۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 2016-2017-پەسىللىك ياۋروپا ۋاسكېتبول ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. بۇ فەنەرباغچە كوماندىسىنىڭ كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا ۋاسكېتبول ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم ياۋروپا ۋاسكېتبول ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن تۇنجى تۈركىيە كوماندىسىغا ئايلاندى.

فەنەرباغچە كوماندىسى ئالدىنقى يىلىمۇ ئوخشاشلا ياۋروپا ۋاسكېتبول ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ، موسكۋا مەركىزى قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، 2-لىككە ئېرىشكەن. ئۈچ قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئولىمپىياكوس كوماندىسى 2015-يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

بۇ ئىككى كوماندا 2000-يىلدىن بۇيان ياۋروپا سەھنىلىرىدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىلىرىدە 14 قېتىم تۇتۇشۇپ، ئولىمپىياكوس كوماندىسى سەككىز قېتىم ئۇتۇپ، ئالتە قېتىم ئۇتتۇرۇپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ئەمما بۇ مۇسابىقە پەسىلىدىكى پەسىللىك ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقە باسقۇچىدا ھەرئىككى كوماندا ئۆز بىرلەشمىسىدە ساھىبخان مەيدانىدا غەلىبە قىلىپ كېلىپ، ئايرىۋېلىش تەس بولۇپ قالغان. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇداپىئەسى ئوخشاشلا قالتىس بولۇپ، بۇ پەسىللىك ياۋروپا ۋاسكېتبول ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى مۇداپىئەسى ئەڭ ياخشى كوماندا بولۇپ قالغان.

پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، يۇدۇخ (Ekpe Udoh) 10 نومۇرغا ئېرىشىپ، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 4 ياردەمچى پاس بەردى. يەنە 5 قېتىم توپ قېقىۋېتىپ، ياۋروپا ۋاسكېتبول ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ MVP سى بولۇپ باھالاندى.

بۇ پەسىللىك ياۋروپا ۋاسكېتبول ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە موسكۋا مەركىزى قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى 3-لىككە، خانلىق مادرىد كوماندسى 4-لىككە ئېرىشتى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش