ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
«چېلىشىڭ، پەرىخە!» دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈڭ!
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-23 14:11:23

نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ياپونىيە ماھىرلىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، مېنىڭ پەقەتلا چېلىشقۇم بار!» يېقىندا ھەممىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن ھىندىستان «دانگال» ناملىق كىنوسى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاياللار چېلىشىش تۈرىگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتتى. دەل مۇشۇنداق كۈنلەردە 14-ماي ھىندىستان يېڭى دېھلىدا ئاياغلاشقان 2017-يىللىق ئاسىيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسدە، تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان 21 ياشلىق شىنجاڭلىق قىز پەرىخە جۇڭگو چېلىشىش كوماندىسى 75 كىلوگىراملىقلار بويىچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 8:1 نەتىجە بىلەن ياپونىيەلىك ماھىر تاكايۇكى ماساكونى مەغلۇب قىلدى. بەئەينى كىنودا تەسۋىرلەنگەنگە ئوخشاش، چېلىشىش پەرىخەنى تېخىمۇ ئىرادىلىك، غايىلىك قىزغا ئايلاندۇرغانىدى.

پەرىخە شىنجاڭ شىخۇدىن كەلگەن بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق پەرىدۇر. ئۇ بوۋىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن 14 يېشىدىن باشلاپ چېلىشىشنى ئۆگەنگەن. تەبىئىي تالانتلىق ۋە تىرىشچان بۇ قىز ناھايىتى تېزلا شىنجاڭ ئاياللار چېلىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردىمۇ كۆزگە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 2014-، 2015-يىلى ئۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياشلار مۇسابىقىسى، ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇردىن باشلاپ قۇرامىغا يەتكەنلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان پەرىخە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا خەلقئارا A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى ھاۋانا بېكىتىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، قالتىس ئەمەلىي ماھارىتىنى نامايەن قىلدى.

بۇ قېتىملىق ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسدە پەرىخە تۇنجى بولۇپ قازاقىستانلىق ماھىر ئىقبايېۋا بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ناھايتىى تېزلا 8:2 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۈچى ئەڭ زور موڭغۇل ماھىرى ئۇرتۇناسۇن گاڭئوچىرغا يۈزلەنگەندە پەرىخە شۈ كۇييۈەن مەشقاۋۇلنىڭ يېتەكچىلىكىدە رەقىبىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، 4:2 نەتىجە بىلەن بىۋاستە غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۈنىدىكى رىقابەتچىسى تاكايۇكى ماساكو بولۇپ، بۇ ماھىر 2014-يىلى دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەچكە ئەمەلىي ماھارىىتى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقسىى باشلىنىشىتىن بۇرۇن، ياپونىيە ئاياللار كوماندىسى ئالدىنقى بەش دەرىجىلىك مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئەگەر تاكايۇكى ماساكو چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، ياپونىيە ئاياللار چېلىىشش كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياللار چېلىشىش تۈرىدىكى بارلىق دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولاتتى. بىراق پەرىخەنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ شېرىن چۈشى بەربات قىلىندى.

«1-مەيداندا مەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ھۇجۇم قىلىشنى تاللىدىمدە نەتىجىدە جازالىنىپ رىقابەتچىمىگە بىر نومۇر بېرىپ قويدۇم؛ 2-مەيدان مۇسابىقىدە مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى تاللاپ، ئۇنى پۇتىنى ئوڭۇشلۇق تۇتۇپ، مەيدان سىرتىغا چىقىرىپ، ئۈچ نومۇر ئالدىم. ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا ئۇ مېنىڭ پۇتۇمنى تۇتقاندا، مەن ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، <دومىلىتىش تېخنىكىسى> بىلەن بىراقلا بەش نۇمۇرغا ئېرىشىپ، ئۇنى يېڭىۋالدىم».

پەرىخەنىڭ چېلىشىش يولىغا قەدەم قويۇشىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ھېكايە يوشۇرۇنغان. «بەش يېشىمدا ئاپام تۈگەپ كەتكەن، بىراق دادام، ئائىلىدىكلەرنىڭ ھەممىسى مېنى شۇنداق ئەتىۋارلايتتى. ئەپسۇس 12 يېشىمدا داداممۇ بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى. بۇ ۋاقىتتا مەن شۇنچىلىك ئازابلانغانىدىم. مېنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىش ئۈچۈن بوۋام ئاتايىن مېنى تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئېلىپ بېرىپ، چېلىشىشنى مەشىق قىلدۇردى. بۇمۇ بەلكىم مېنىڭ چېلىشىش بىلەن بولغان تەقدىرىم بولسا كېرەك.» دەسلەپتە تەنتەربىيە مەكتىپىگە كەلگەندە، پەرىخە قازاق مەشقاۋۇل ۋە كوماندىدىكىلەرنىڭ تىلىنى چۈشىنەلمىگەنىدى. بىراق ۋاقىت ئۇزارغانسىېرى ئۇ قازاق تىلىنى ئۆگىنىپلا قالماي يەنە تېخى، ئۆزبېك، قىرغىز تىلىنىمۇ پىشىشق ئىگەللەپ، تىل «ئۇستىسى»غا ئايلاندى. چەتئەلدىكى مۇسابىقىلەردە ئۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەشقاۋۇللىرىنى ئۇچراتقاندا، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن پەرىخەنى ئىزدەپ، ئىنتايىن يۇقىرى تەمىنات بىلەن ئۇنى دۆلەت تەۋەلىكىنى ئالماشتۇرۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلاتتى. «ئۇلار ماڭا ئۆزىلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭ ياخشىلىقىنى، مۇكاپات پۇلىنىڭمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، مەن ئۇلارغا دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى دەپ رەددىيە بېرىمەن، چۈنكى بوۋام ماڭا جۇڭگودا تۇغۇلغانكەنمىز، دېمەك ،بىز بىر ئۆمۈر جۇڭگولۇق دېگەن»، دېدى پەرىخە.

پەرىخەنىڭ ئەڭ قايىل بولىدىغان ئادىمى بولسا ئافېنا ئولىمپىك مۇسابىقىسى چېمپىيونى ۋاڭ شۈن بولۇپ ئۇ بۇ ھەقتە توختتلىپ: «ۋاڭ شۈننىڭ جاپاغا چىداش روھى ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئۆگىنىشمگە ئەرزىيىدۇ» دېدى. بۇ قېتىملىق ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقسىدە گەرچە ئۇ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق يېتەرسىزلىكىنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى، داۋملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «مەن يەنىلا ماھارەت ئايلانمىسى بىلەن پۇت كۈچۈمدە بەكرەك كۈچەشنى لايىق كۆردۈم. چۈنكى بەزىدە كۈچۈم يېتىشمىگەندەك ھېس قىلىپ قالىمەن» دېدى پەرىخە.

توكيو ئولمىپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىگە قاتنىشىش پەرىخەنىڭ ئەڭ چوڭ غايىسى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن نىشانىغا قاراپ ئىنتىلمەكتە. «ياپونىيە ساھىبخان كوماندىسىدا ئۇلارنى يېڭىشكە شۇنچىلىك ئىنتىزارمەن، گەرچە ياپونىيە كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق بىزمۇ ئۇلاردىن قورقۇپ قالمايمىز، ئەكسىچە، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز»!!!

 

 

 



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش