ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
شىنجاڭلىق ئۆسمۈر ئىسپانىيە مادرىد ئاتلېتكا ياشلارنى تەربىيەلەش بازىسىغا تاللاندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-26 20:16:03

نۇر تورى تەرجىمىسى:

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، ۋەندا «جۇڭگو ئۈمىد يۇلتۇزى» ياش-ئۆسمۈر توپچىلارنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ سىناق مەشىق خىزمىتى ئاياغلاشتى، پۈتۈن مەملىكەتتىن 60 قا يېقىن سىناق مەشىقنى قوبۇل قىلغان بالىلاردىن 20 نەپەر ئۆسمۈر تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ پۇتبول مايسىلىرى مادرىد ئاتلېتكا ياشلار مەشىق بازىسىغا ئۈچ يىللىق ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سىناق مەشىققە قاتناشقان سەككىز نەپەر شىنجاڭلىق ئۆسمۈر بالىدىن پەقەت ئۈرۈمچى 121-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى تۇرسۇن مەمەت تاللانغان.

تۇرسۇن مەمەت پوسكامدا تۇغۇلغان، بۇ يىل 12 ياش، ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 121-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۆتكەن يىلى تۇرسۇن مەمەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك 121-باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ سىناق مەشىقىدىن ئۆتۈپ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلانغان، پۇتبول مەيدانىدىكى ئورنى بولسا ئوتتۇرا مەيدان. بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋەندا «ئۈمىد يۇلتۇزى» شىنجاڭ رايونى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مادرىد ئاتلېتكا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تاللىنىپ، خېبېي لاڭفاڭدىكى ۋەندا ئۇنۋېرسىتىتىغا بېرىپ سىناق مەشىققە قاتناشقان.

ئىگىلىنىشىچە، مادرىد ئاتلېتكا ياشلارنى تەربىيەلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۆسمۈر توپچىلارنى كۆزەتكەندە ئاساسلىق ئىككى مۇھىم نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇ بولسىمۇ پاس بېرىش ۋە توپسىز ھالەتتىكى ئورۇن ئېلىپ يۈگۈرۈش ئىقتىدارى، بۇ ئارقىلىق كىچىك توپچىلارنىڭ كوللېكتىپ ماسلىشىش ئېڭى ۋە مۇسابىقىنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ قېتىملىق تاللاشتا مادرىد ئاتلېتكا پەقەت 20 نەپەر ئۆسمۈر توپچىنى تاللىغان بولۇپ، ھەر يىلدىكى ۋەندا گورۇھىنىڭ 30 نەپەر ئۆسمۈر توپچىنى تاللاش پىلانىغا توشمىغان. ئىگىلىنىشىچە، ھەربىر ئۆسمۈر توپچى ئىسپانىيەدە ئۈچ يىل تۇرۇپ ئۆگىنىشنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۈچ يىل مۇددەت توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئۇلارغا قارىتا كۆزىتىش ۋە سىناق ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئىسپانىيەدە قېلىش ياكى قالماسلىقى بەلگىلىنىدۇ، ھەربىر ئۆسمۈر توپچىنىڭ ئىسپانىيەدىكى يىللىق خىراجىتى 500 مىڭ يۈەن بولۇپ، بارلىق خىراجەتنى ۋەندا گورۇھى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش