ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
سۈبھى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، جۇڭگو U16 ياشلىقلار كوماندىسى غەلىبە قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-27 13:09:53

 

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن 2017-يىللىق جياڭيىن تۆت دۆلەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى. U16 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىمىز قىرغىزىستان كوماندىسنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز كوماندىسىدىكى شاكىچىكلەر كۆپ پۇرسەت يارىتىپ، ئاخىردا 3-0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.

بۇ قېتىملىق جياڭيىن تۆت دۆلەت مۇسابىقىسىگە جۇڭگو، ماكېدونىيە، قىرغىزىستان ۋە چاۋشيەن قاتارلىق تۆت كوماندا قاتناشقان بولۇپ، 2002-يىلى تۇغۇلغان U16 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدىن تەركىب تاپقان. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز كوماندىسى جاڭ شىڭلياڭنىڭ توپ كىرگۈزۈشى بىلەن 1-1 نەتىجىدە ماكېدونىيە كوماندسى بىلەن تەڭلەشكەن.

ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 12 مىنۇت بولغاندا دۆلىتىمىز كوماندىسى ئالدى مەيداندا يەر بېغىرلىتىپ پەس يەتكۈزدى، پەن يۈشىڭ تېزلىكتە چەكلەنگەن رايون ئىچىگە كىرىپ ئۇرغان بولسىمۇ، قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسىگە تېگىپ چىقىپ كەتتى.

23 مىنۇت بولغاندا دۆلىتىمىز كوماندىسى ئارقا مەيداندىن ئۇزۇن پاس ئارقىلىق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، قىرغىزىستان قاپقىچىسى تېزلىك بىلەن ئالدىغا چىقىپ توپنى توسماقچى بولغاندا، توپ ئۆتۈپ كېتىپ، دۆلىتىمىز ماھىرى ئوچۇق قاپقىغا توپ ئۇرالمىدى.

25 مىنۇت بولغاندا ياڭ شىفۇ ئالدى مەيداندىن يەر بېغىرلىتىپ پاس بەردى، جىن يىخاڭ چەكلگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، توپنى تەپكەن بولسىمۇ، توپ چىقىپ كەتتى.

30 مىنۇت بولغاندا پەن يۈشىڭ سەپدىشىنىڭ بەرگەن پېسىنى قوبۇل قىلىپ، سول يولدىن بۆسۈپ كىرىپ، يەكمۇ-يەك ھالدا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، دۆلىتىمىز كوماندىسى 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

44 مىنۇت بولغاندا دۆلىتىمىز كوماندىسىنىڭ كاپىتانى سۈبھى ئابلىمىت قارشى تەرەپنىڭ قول توپ قىلغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېرىشكەن نۇقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2-0 قىلدى.

كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 49 مىنۇت بولغاندا دۆلىتىمىز كوماندىسى سول يولدىن ئوتتۇرىغا ئۇزۇن پاس كۆتۈرۈپ تاشلىدى، قىرغىزىستان قاپقىچىسى چەكلگەن رايون سىرتىغىچە چىقىپ خاتالىق سادىر قىلىپ، سېرىق كارتا ئىستېمال قىلدى ھەم دۆلىتىمىز كوماندىسىغا بىر ئىختىيارىي توپ پۇرسىتى كەلدى، توپنى كاپىتان سۈبھى بىۋاسىتە ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، دۆلەت كوماندىمىز 3-0 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە دۆلىتىمىز كوماندىسىنىڭ 3-0 نەتىجە بىلەن قىرغىزىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىش بىلەن ئاياغلاشتى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش