ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
گابرېل باربوسا بۇ يىل يازدا خەلقئارا مىلاندىن ئايرىلىشى مۇمكىن
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:49

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىسى «بوشلۇق تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا مىلاننىڭ ھۇجۇمچىسى گابرېل باربوسا بۇ يىل يازدا ئىجارە شەكلىدە سامپدورىئا ياكى لاسپالماس كۇلۇبىغا قوشۇلىدىكەن. خەلقئارا مىلان ئۆتكەن يىلى يازدا خانلىق مادرىد، بارسېلونا ۋە يۇۋېنتۇس قاتارلىق زەردارلارنى مەغلۇپ قىلىپ، سانتوس كۇلۇبىدىن گابرېلنى سېتىۋالغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار بۇ توپچىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن 29 مىليون 500 مىڭ ياۋرو سەرپ قىلغان. بىراق بۇ توپچى خەلقئارا مىلانغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئاران توققۇز مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 111 مىنۇت توپ تەپكەن، مەيدانغا چىقىش ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغاچقا ئاران بىر توپ كىرگۈزگەن.

ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىسى «بوشلۇق تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لاسپالماس كۇلۇبى بۇ يىل يازدا گابرېلنى ئىجارىگە ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، شۇنداقلا ئىجارە توختامىغا سېتىۋېلىش ماددىسىمۇ قوشۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا مىلان كۇلۇبى گابرېلنى سامپدورىئا ھۇجۇمچىسى شىكنى قوشۇۋېلىش سودىسىغا ئارىلاشتۇرماقچى ئىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش