ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
«گوللاندىيە ئۇچار ئادىمى» روببېن
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:48

ئارجېن روببېن ( Arjen Robben ) گوللاندىيەنىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى، ھازىر گېرمانىيە زەردارى بايرېن مىيۇنخېننىڭ يان ھوجۇمچىسى. ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا 11-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىدۇ. روببېن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئېنگلاند، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە بىرلەشمىلىرىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى روببېن باشچىلىقىدىكى گوللاندىيە كوماندىسى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 2013-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، روببېن بىر توپ ئۇرۇپ بىر پاس بېرىپ، بايرېن مىيۇنخېننىڭ يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن. 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا روببېن باشچىلىقىدىكى گوللاندىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. روببېن گوللاندىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ۋە ئۈچ قېتىم ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتناشقان، ئۆزى قاتناشقان ئۈچ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا توپ ئۇرغان، ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ۋە ئۈچ قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىدا ئۇدا ياردەمچى پاس بېرىپ، گوللاندىيە پاس شاھى بولۇپ قالغان. ئۇ گوللاندىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى 2-نومۇرلۇق ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچىىسى.

تونۇشتۇرلىشى:

ئىسمى: ئارجېن روببېن، لەقىمى-كىچىك ئۇچار پالۋان، تۇغۇلغان ۋاقتى: 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئېگىزلىكى: 181 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى: 80 كىلوگرام.

ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى:

روببېن 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى گوللاندىيەنىڭ بىدۇم دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. روبىننىڭ دادىسى ھانىس شۇ يەردىكى بىر مەكتەپنىڭ فىزىكا ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئىلگىرى تەنھەرىكەتچى بولغان، ئاپىسى مارىئو تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، سىڭلىسى ۋىۋىئەنز گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى ئىدى. مۇشۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلغان روببېن كىچىكىدىنلا تەنتەربىيەگە قىزىقاتتى، بولۇپمۇ پۇتبولغا. روببېننىڭ باشقا پۇتبول چولپانلىرىغا ئوخشاش پۇتبول تالانتى بار ئىدى، روببېن

ئالتە ياش ۋاقتىدا بىر پۇتبول مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.

روببېننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەشقاۋۇلى ئەسلەپ «ئەينى ۋاقىتتا روببېن يەتتە كىشلىك مۇسابىقىدە ئۆزى يالغۇز 21 توپ ئۇرغان، مەكتەپتىكى ھەممە بالىلار ئۇنىڭ بىلەن بىر گورۇپپا بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى، ئەگەر روببېن بىلەن بىر گورۇپپا بولمىسا ئۇلار توپ ئوينىمايتى، ئۇ ۋاقىتتا روببېننىڭ سۈرئىتى تىز، تىخنىكىسى ياخشى ئىدى، توپ ئۇنىڭ پۇتىغا چۈشۈپ قالسىلا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە باشقىلارنى ئالداپ ئۆتۈپ توپ ئۇراتتى» دېگەن. 12 ياش ۋاقتىدا روببېن گىرونىنگىن پۇتبۇل كۇلۇبىغا كىرگەن، كېيىن فىلىپ تەنتەربىيە بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا كىرگەن.

كەسپى ھاياتى:

2002-يىلى روببېن فىلىپ تەنتەربىيە بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا قوشۇلغان. روببېن مۇشۇ كۇلۇبتىكى ۋاقتىدا«سول يولدىكى قاتىل»، «سول يولدىكى تالانت ئىگىسى» دەپ ئاتالغان. فىلىپ تەنتەربىيە بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، روببېن سەپداشلىرى بىلەن بىللە تىرىشىپ 2003-يىلى گوللاندىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا، 2004-يىلى گوللاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. كوماندىدىكى قىسقىغىنە ئىككى پەسىلدە روببېن 56 مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ ئۇرغان. 2004-يىلى 7-ئايدا 12 مىلىيون فوندسىتېرلىڭ باھا بىلەن چېلسى كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.

چېلسىغا قوشۇلغان بىرىنچى پەسىل روببېن ناھايىتى قالتىس نەتىجىگە ئېرىشكەن، يەنى چېلسى كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 50 يىلدىن كېيىن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. روببېن بىلەن دافتىن شەكىللەنگەن ھوجۇم كۈچى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغان. مورىنىھونىڭ تەربىيلىشى ئاستىدا روببېن تىخىمۇ ئالغا باسقان، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 18 مەيدان مۇسابىقىدە يەتتە توپ ئۇرۇپ، ھوجۇمچى كىزماندىن ئىشىپ كەتكەن. چىلسىدىكى ۋاقتىدا ئۇزغۇنلۇقنىڭ چېمپىيونلىقىدىن باشقا ھەممە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن. 2006-2007-مۇسابىقە پەسلى يارا سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان.

2007-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، روببېن چېلسىدىن ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىدقا يۆتكەلگەن. يۆتكۈلۈش ھەققى 36 مىليون ياۋرۇ بولغان. مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن توختىماي يارلىنىپ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن. 2007-2008-مۇسابىقە پەسلى 23 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بەش توپ ئۇرغان. مادرىدتىكى ۋاقتىدا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. 2009-يىلى مادرىد كاكا ۋە كىرىستىيانو رونالدونى قوشۇۋالغان. ئۇلار قوشۇلغاندىن كېيىن روببېن ئۆز ئورنىنى يوقاتقان. ئۇزۇنغا قالماي گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى بايرېن مىيۇنخېنغا 25 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن قوشۇلغان.

بايرېنغا قوشۇلغان بىرىنچى پەسلى 37 مەيدان مۇسابىقىدە 23 توپ ئۇرۇپ، كوماندىنىڭ توپ ئۇرۇش شاھى بولۇپ قالغان. ھەمدە كوماندىنىڭ گېرمانىيە بىرلەشمىسى ۋە گېرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىشىگە تۆھپە قوشقان. ئۇزغۇنلۇقنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە روببېن تۆت توپ ئۇرۇپ، كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئىلىپ كىرگەن، لېكىن ھەل قىلغۇچتا خەلقئارا مىلەنگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلىقىغا ئېرىشەلمىگەن.

2010-2011-مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا، روببېن يارا سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان، كېيىنكى يېرىم پەسلىدە 17 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ ئۇرۇپ، 12 ياردەمچى پاس چىقارغان، ھەمدە شۇ پەسىللىك ياۋروپا ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن. شۇنى تەكىتلەش كىرەككى، روببېن شۇ پەسىل ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن بىردىنبىر گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى توپچى. 2011-2012-مۇسابىقە پەسلى روببېن بىرلەشمىدە 36 مەيدان مۇسابىقىدە 19 توپ ئۇرغان، ئۇزغۇنلۇقنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مادرىدقا بىر توپ ئۇرۇپ، مادرىدنى شاللاپ كوماندىسىنى يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا ئېلىپ كىرگەن، لېكىن ھەل قىلغۇچتا كونا ئائىلىسى چېلسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 2012-2013-مۇسابىقە پەسلى روببېن يارلىنىپ كۆپ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان، يارىسى ساقىيىپ مەيدانغا چىققان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە (گېرمانىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسى) دورتموندقا بىردىنبىر توپنى ئۇرۇپ، كوماندىسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرگەن. ئۇزغۇنلۇقنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە روببېن مېھمان ھەم ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلوناغا توپ ئۇرۇپ بارسېلونانى شاللاپ، يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە روببېن سەپدىشىگە پاس بەرگەن، سەپدىشى توپ ئۇرۇپ رەقىبىنى شاللاپ، بايرېن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 2013-2014-مۇسابىقە پەسلى روببېن 45 مەيدان مۇسابىقىدە 21 توپ ئۇرغان. بۇ پەسىل روببېن بايرېنغا ۋاكالىتەن ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان پەسىل بولۇپ قالغان. گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، روببېن دورتموندقا ئىككى توپ ئۇرۇپ رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىشقا چوڭ تۆھپە قوشقان، ھەمدە گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. شۇ پەسىل گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر»، بايرېن مىيۇنخېننىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، «سنئىي ھەمراھ گېزىتى» باھالىغان 100 داڭلىق توپچى تىزىملىكىدە 89-ئورۇنغا تىزىلغان. 2016-2017-مۇسابىقە پەسلى، بايرېن مىيۇنخېن بىلەن بىرلىكتە ئۇدا بەش قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.

دۆلەت كوماندىسى:

2003-يىلى 4-ئايدا، روببېن دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان. 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، گوللاندىيە بىلەن پورتىگالىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە 19 ياشلىق روببېن تۇنجى قىتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان.

2004-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى:

2004-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا گوللاندىيە كوماندىسى يېڭى بىر چولپاننى كۈتىۋالغان، ئۇ بولسىمۇ روببېن. گورۇپپا مۇسابىقىسىدە روببېن ئۈچ مەيداندا ئۈچ ياردەمچى پاس بېرىپ، گوللاندىيەنىڭ گورۇپپىدىن چىقىشىغا ياردەم بەرگەن. شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىسى نۇقتا توپ جېڭىگىچە داۋاملاشقان، روببېن نۇقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىشىگە ياردەم بەرگەن، ھەمدە گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ نۇقتا توپ قارا چۈشىنى بىچىت قىلغان.

2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى:

2006-يىلى گوللاندىيە بىلەن سىربىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە، روببېن دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن، شۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا گوللاندىيە ئوڭۇشلۇق گورۇپپىدىن چىققان بولسىمۇ ئۇزۇنغا چاپالمىغان.

2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى:

بۇ قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسىدا گوللاندىيە گورۇپپا مۇسابىقىسىدە تولۇق ئۇتۇپ گورۇپپىدىن چىققان، لېكىن شاللاش باسقۇچىدا رۇسىيە كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كىتىپ، سەپىرىنى بالدۇرلا ئاخىرلاشتۇرغان.

2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى:

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان، گورۇپپا مۇسابىقىسىدە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماي گورۇپپىدىن 1-بولۇپ چىققان.

16 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە روببېن بىلەن سېينىدىر بىردىن توپ ئۇرۇپ، سىلوۋاكىيە كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن. سەككىز كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە بىرازىلىيە بىلەن تۇتۇشقان، مۇسابىقە جەريانىدا روببېن قارشى تەرەپ مۇداپىيەچىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىپ سېينىدىرغا پاس بەرگەن، سېينىدىر ئىككى توپ ئۇرۇپ، بىرازىلىيە كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، 3-2 نەتىجە بىلەن ئۇراگۋاي كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، مۇسابىقىنىڭ 116-مىنۇتىدا ئىنېستانىڭ ئۇرغان بىردىنبىر توپى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى:

بۇ قېتىملىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغان، ئۈچ مەيدان گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە ئۇتتۇرۋەتكەن. گوللاندىيە كوماندىسى پەقەت ئىككى توپ ئۇرغان، روببېن بىر پاس چىقارغان. ئۈچ قېتىملىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا روببېن بەش ياردەمچى پاس چىقارغان، ھەمدە گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ ياردەمچى پاس چىقارغان توپچىسى بولۇپ قالغان.

2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا روببېننىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان. ئالدىنقى قېتىملىق رەقىبى ئىسپانىيە كوماندىسىنى 5-1 نەتىجە بىلەن يەڭگەن مۇسابىقىدە، روببېن ئىككى توپ ئۇرغان. 3-2 نەتىجە بىلەن ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇرغان، چىلى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە روببېن يارلانغاچقا مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان. گوللاندىيە كوماندىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىدە تولۇق غەلبە قىلىپ بىرىنچى بولۇپ گورۇپپىدىن چىققان. 16 كۈچلۈكتە مېكسىكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە روببېن بىر نۇقتا توپ پۇرسىتى يارىتىپ، 2-1 نەتىجىدە مېكسىكا كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن. سەككىز كۈچلۈكتە روببېن ئۆزى يالغۇز قارشى تەرەپ ئەزاسىدىن تۆت توپچىنىڭ سېرىق كارتىغا ئېرىشىشىگە سەۋەب بولغان، ئەڭ ئاخىرى نوقتا توپ جېڭىدە رەقىبىنى يېڭىپ تۆت كۈچلۈككە كىرگەن. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، نۇقتا توپ جېڭىدە گوللاندىيە كوماندىسى ئارگىنتىنا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئۈچۈنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە روببېن مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇت بولغاندا نۇقتا توپ پۇرسىتى ياراتقان، ئاخىرىدا گوللاندىيە 3-0 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيەنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن، روببېن FIFAنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن.

ئېرىشكەن ئاساسلىق شان-شەرەپلىرى:

2003-يىلى گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى توپچى»

2005-يىلى «ياۋرۇپا 21 ياشلىقلار پۇتبۇل ئەپەندىسى»

2009-2010-مۇسابىقە پەسلى، 2013-2014-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر»

2010-يىلى ۋە 2014-يىللىرى دۇنيا لوڭقىسى «ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى»

2010-يىلى «گوللاندىيە پۇتبۇل ئەپەندىسى»

2013-يىلى ياۋروپا ئۇزۇغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر»

2014-يىلى «گوللاندىيە يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى»

كۇلۇبتا ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى:

2013-يىلى ياۋرۇپا ئۇزۇغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى

2010-،2012-يىللىرى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئىككىنچى

2002-2003-مۇسابىقە پەسلى گوللاندىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى

2003-2004-مۇسابىقە پەسلى گوللاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى

2004-2005-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى

2004-2005-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونى

2005-2006-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونى

2006-2007-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونى

2007-2008-مۇسابىقە پەسلى ئىسسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى

2008-2009-مۇسابىقە پەسلى ئىسسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى

2009-2010-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى

2010-2011-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى

2012-2013-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى

2012-2013-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى

2013-2014-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى

2013-2014-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى

2013-2014-مۇسابىقە پەسلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونى

2014-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقسىى چېمپىيونى

2014-2015-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى

2016-2015-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى

2016-2015-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە لوڭقىسى چېمپىيونى

2017-2016-مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى

شەخسىي تۇرمۇشى:

روببېننىڭ ئايالى بىنادىئىن ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بولۇپ، ئىككىسى يەتتە يىل مۇھەببەتلىشىپ، 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى گوللاندىيەدە توي قىلغان. روببېننىڭ ھازىر بىر ئوغۇل، بىر قىزى بولۇپ، ئوغۇل-قىز ھەممىسى تولۇق. روببېن ھازىر ئاتا-ئانىسى، ئايالى ۋە باللىرى بىلەن مىيۇنخېندا تۇرىۋاتىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش