ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
تۇخېل ئەڭ كىچىككەندىمۇ 31-ماي دورتمۇند كوماندىسىدىن ئايرىلىدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:50

نۇر تورى تەرجىمىسى:

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىسى «sport1»نىڭ خەۋەر قىلشىچە، دورتمۇند كوماندىسنىڭ باش مەشقاۋۇلى تۇخېل ئەڭ كىچىككەندىمۇ 31-ماي كوماندىدىن ئايرىلدىكەن.
گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك قوشۇن دورتمۇند كوماندىسنىڭ بۇ پەسىللىك ئىپادىسى ئۆزگىرىشچان ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، تۇخېل يېتەكچىلىكىدىكى دورتمۇند كوماندىسى گېرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە كېلەركى پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، لېكىن گېرمانىيە بىرلەشمىسى رەت تەرتىپىدە 3-بولۇپ قېلىپ، كۆپلىگەن مەستانىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇنداقلا مەشقاۋۇل تۇخېل بىلەن دورتمۇند يۇقىرى قاتلىمى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ بارغان، بۇ ئىشلار تۇخېلنىڭ دورتمۇند كوماندىسىدىن ئايرىلىش سەۋەبى ئىكەن. باش مەشقاۋۇل تۇخېل چارشەنبە كۈنى دورتمۇند كوماندىسىدىن ئايرىلىپ قالسا 2 مىليۇن ياۋرۇ تۆلەمگە ئېرىشىدىكەن.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دورتمۇند كوماندىسى تۇخېلنىڭ ئورنىغا خوففېنھام كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ناگېرىسماننى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ رەت قىلىنغان. ھازىر تۇخېلنىڭ ئورنىغا نېس مەشقاۋۇلىنىڭ كېلىشى قىززىق نۇقتا بولماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا كىلون كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى توگېر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاجاكېس كوماندىسى بىلەن فىرانكفورت كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇللىرى دورتمۇند كوماندىسىغا باش مەشقاۋۇل بولۇشتىكى نامزاتلار ئىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش