ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
مادرىد ئاتلېتكا كۇلۇبى ۋاردىينى قوشۇۋېلىشنى ئويلاشماقتا
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:50

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەگەر مادرىد ئاتلېتكا كۇلۇبى دېيگو كوستانى قوشۇۋالالمىسا، لېيچېستېر شەھىرىدىكى ۋاردىينى قوشۇۋالىدىكەن. ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىسى «تايمىس گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېلسى ئەگەر دېيگو كوستانى قولدىن چىقىرىپ قالسا، ئۇنى ساتقان پۇلغا لۇكاكۇ ياكى موراتانى قوشۇۋالىدىكەن.

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەل قىلغۇچىدا ئارسېنالغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، كوستا مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ كېلەر پەسىلدە داۋاملىق چېلسىدا قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەگەر يۆتكىلىشكە توغرا كەلسە چوقۇم مادرىد ئاتلېتكىغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مادرىد ئاتلېتكا كۇلۇبىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى تازا ياخشى بولمىغاچقا، دېيگو كوستانى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئاران 20 مىليون فوندستېرلىڭ چىقىرالايدىكەن، بىراق ئۇلار ئۈچ يىل ئىلگىرى كوستانى 25 مىليون فوندستېرلىڭغا ساتقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مادرىد ئاتلېتكا كوستانى قوشۇۋېلىشتىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدىكەن. ئەگەر ئۇلار كوستانى راستىنلا قوشۇۋالالمىسا، لېيچېستىر شەھىرىدىكى ۋاردىينى ئويلىشىدىكەن. سىمونى كېلەر پەسىل گىرېزمان بىلەن ۋاردىينى ماسلاشتۇرۇپ قوش كىشلىك ھۇجۇم گۇرۇپپىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

30 ياشلىق ۋاردىينىڭ توختامى 2020-يىلى ئاخىرلىشىدۇ، ئەگەر ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى سىرتىدىكى كۇلۇبلار ئۇنى سېتىۋالماقچى بولسا، لېيچېستېر شەھىرى باھانى تۆۋەنلىتىشنى خالايدىكەن. ۋاردىي بۇ پەسىل كوماندىغا ۋاكالىتەن 48 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 16 توپ كىرگۈزۈپ، بەش ياردەمچى پاس بەرگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش