ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
AC مىلان كۇلۇبى كاسىللاسنى قوشۇۋېلىشنى ئويلاشماقتا
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:51

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىسى «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، AC مىلان كۇلۇبى بۇ يىل يازدا خانلىق مادرىدنىڭ سابىق قاپقىچىسى كاسىللاسنى قوشۇۋالىدىكەن. 18 ياشلىق دونارۇمانىڭ توختامى 2018-يىلى 6-ئايدا ئاخىرلىشىدۇ، بىراق ئىككى تەرەپ ھازىرغىچە توختام ئۇزارتمىدى.

«كەچلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، AC مىلان كۇلۇبى رايىئولاغا دونارۇما توختام ئۇزارتسۇن ياكى ئۇزارتمىسۇن، بۇ يىل يازدا ئۇنى ساتمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. گەرچە خانلىق مادرىد، يۇۋېنتۇس، مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە مانچېستېر شەھىرى دونارۇماغا ناھايىتى قىززىقسىمۇ، بىراق AC مىلان كۇلۇبى ئۇنى ساتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ACمىلان كۇلۇبى ۋاستىچى رايىئولانى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر دونارۇما توختام ئۇزارتمىسا، كېلەر پەسىل كۆرۈش سۇپىسىدا مۇسابىقە كۆرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

«جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دونارۇمانىڭ توختام ئۇزارتىش ئىشى يېقىندا ھەل بولمايدىكەن، چۈنكى رايىئولا توختام ئۇزارتىشقا ئالدىرىمايدىكەن، بىراق AC مىلان كۇلۇبى توختام ئۇزارتىشنى ساقلاپ تۇرالمايدىغان بولغاچقا، ئۇلار پورتو كۇلۇبىنىڭ ئىسپانىيەلىك قاپقىچىسى كاسىللاسنى قوشۇۋالماقچى بولغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 36 ياشلىق كاسىللاسنىڭ پورتو بىلەن تۈزگەن توختامى بۇ يىل 6-ئايدا ئاخىرلىشىدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش