ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
«ۋېلىش شاھزادىسى» گارېس بېل
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:51

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك 2013-يىلى يازدا، گارېس بېل يۆتكۈلۈش بازىرىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈپ، ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى توتتېنھام كۇلۇبىدىن ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىدقا يۆتكەلدى. بېل مادرىدقا يۆتكەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يارلىنىش سەۋەبىدىن ئىپادىسى ياخشى بولماي قالدى، كېيىن بېل ساقىيىپ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئۆزىنى «ساختا مال» دېگۈچىلەرگە بىر كاچات سالدى. تۆۋەندە بىز ۋېلىش خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى بېل بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

ئىسمى: گارېس بېل (Gareth Frank Bale)، ئېگىزلىكى- 186 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى- 74 كىلوگرام، نامى- ۋىلىش شاھزادىسى، لەقىمى- ئەۋلىيا ئەزەم، سۈنۋۇكۇڭ،

تۇغۇلغان ۋاقتى- 1989-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، تۇغۇلغان يېرى- ۋېلىش، كاردىف شەھىرى.

ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى:

بېل 1989-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋېلىشنىڭ كاردىف شەھرىدە تۇغۇلغان. بېلمۇ باشقا پۇتبۇلچىلارغا ئوخشاش تۇغما پۇتبول تالانتىغا ئىگە ئىدى، ئۇ باشلانغۇچ ۋاقتىدىلا كاردىف شەھىرى كۇلۇبىنىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا كىرگەن، ئۇنىڭ ئوڭ پۇت تىخنىكىسى ياخشى بولۇپ، كىچىكىدىلا توپ ئېلىپ مېڭىش سۈرئىتى تىز ئىدى. توققۇز ياش ۋاقتىدا، كاردىف شەھىرى كۇلۇبى ئۇيۇشتۇرغان بەش كىشلىك پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە بېل ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتى بىلەن جەنۇبىي ئامپتون كۇلۇبىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. تولۇق ئوتتۇراغا چىققان ۋاقتىدا بېل كالتەك توپ، زەيتۇن توپ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش،پۇتبول قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە ئالاھىدە تالانتقا ئىگە ئىدى، بولۇپمۇ پۇتبولدا. ئەينى ۋاقىتتا بېل مەكتەپ كوماندىسىنى يېتەكلەپ، كاردىف شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىدا چېمپىيونلىققا ئېرىشكەن.

كەسپىي ھاياتى:

بېل 16 ياش ۋاقتىدىلا ۋېلىشنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى گىگىس بىلەن سىلىشتۇرىلاتتى. توققۇز ياش ۋاقتىدىلا جەنۇبىي ئامپتون كۇلۇبىنىڭ سۈنئىي ھەمرا تەربىيلەش كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىنغان. 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، 16 ياش 275 كۈنلۈك بولغان بېل جەنۇبىي ئامپتون كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 2005-2006-مۇسابىقە پەسلىلىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە بىر ئىختىيارىي توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ بىرلەشمىدىكى

تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن. 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بېل جەنۇبىي ئامپتون كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىلەردە بەش توپ كىرگۈزگەن. 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، توتتېنھام كۇلۇبى مانچېستىر بىرلەشمىسى، ئارسېنال قاتارلىق زەردارلارنى مەغلۇپ قىلىپ، بەش مىلىيون فوندستېرلىڭ باھا بىلەن يېڭى چولپان بېلنى قوشۇۋالغان. 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بېل توتتېنھام كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، فۇلھام كوماندىسى بىلەن 3-3 نەتىجىدە تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە، بېل توتتىنھام كوماندىسىدىكى تۇنجى توپنى كىرگۈزىدۇ. 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىرمېڭھام كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يارلىنىپ، شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن بالدۇرلا خوشلىشىدۇ. 2007-2008-پەسىللىك مۇسابىقىدە، بېل توتتېنھامغا ۋاكالىتەن 12 مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈشتەك خىلى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

2008-يىلى 8-ئايدا، بېل كۇلۇب بىلەن يېڭىدىن تۆت يىللىق توختام ئىمزالايدۇ. توتتېنھام كوماندىسى بېلنىڭ يارىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى زاپاس ئەزا ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.بېل زاپاس ئەزا سالاھىتىدە 24 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بىرمۇ توپ ئۇرالمايدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئىشنى «بۋلنىڭ قارغىشقا ئۇچۇرىشى» دەپ ئاتايدۇ. 2009-يىلى 9-ئاينڭ 26-كۈنى، بۇرېنلى كوماندىسىنى 5-0 نەتىجە بىلەن يەڭگەن مۇسابىقىنىڭ 85-مىنۇتىدا، بېل زاپاس ئەزا سالاھىتىدە مەيدانغا چىقىپ بىر توپ ئۇرىدۇ، كېيىنكى ئايلانمىدىكى لىۋېرپول بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر ئىختىيارىي توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنىڭ 2-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىشىغا تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. 2010-يىلى، توتتېنھام كوماندىسىدىكى ئاساۋ ئىكوتو كامىرون كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئافرىقا لوڭقىسىغا قاتناشقىلى كامىرونغا كېتىدۇ، بۇ بېل ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ. بىرلەشمە لوڭقىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا، بېل ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ 4-0 نەتىجىدە پېتىربۇرگ كوماندىسىنى يېڭىشتە كۈچ چىقىرىدۇ. كەينىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمىدىكى فۇلھام كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇرۇپ، 2-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، بېلمۇ ئاساسلىق ئەزا بولۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە بېلنىڭ تىخنىكىسى تىخىمۇ پىشىپ يېتىلىدۇ. 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئارسېنال بىلەن بولغان لوندون دېربىيسىدا بېل بىر توپ ئۇرۇپ، توتتېنھام كوماندىسىنىڭ 2-1 نەتىجە بىلەن ئارسېنالنى مەغلۇپ قىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ. ئۈچ كۈندىن كىيىن چېلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، بېل يەنە بىر توپ ئۇرۇپ، توتتېنھام كوماندىسىنىڭ 2-1 نەتىجە بىلەن چېلسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.

2010-2011-مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپ بېل بەكلا تىز ئىلگىرلەيدۇ. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، بېل بىرلەشمىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ، كوماندىنىڭ 2-1 نەتىجە بىلەن سىتوك شەھىرىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ئالاھىدە كۈچ قوشىدۇ. 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇزغۇنلۇقنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى خەلقئارا مىلەن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توتتېنھام كوماندىسى 3-4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بېل بۇ مۇسابىقىدە ئۈچ توپ ئۇرۇپ، «قالپاق ئويۇنى» ئوينايدۇ. 2011-2012-مۇسابىقە پەسلى، بېل ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 10 توپ ئۇرۇپ، 12 ياردەمچى پاس چىقىرىدۇ. 2012-2013-مۇسابىقە پەسلى، ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 39 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 24 توپ ئۇرۇپ، سەككىز ياردەمچى پاس چىقىرىدۇ. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىدىكى خەلقئارا مىلەن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، بېل ئىككى توپ ئۇرۇپ، كوماندىسىنىڭ 3-0 نەتىجىدە غەلبە قىلىشىغا،

ھەمدە 2010-يىلىدىكى قىساسنى ئېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، خانلىق مادرىد ئورگان تورىدا بېلنى قوشۇۋالغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئالتە يىللىق توختام ئىمزالىغىنىنى ئېلان قىلىدۇ. مادرىد تەرەپ بىلنىڭ يۆتكىلىش باھاسىنى 91 مىليون ياۋرو دەپ ئېلان قىلىدۇ، لېكىن ئەنگىلىيە «سۈنئىي ھەمراھ گېزىتى» ئۇنىڭ يۆتكىلىش باھاسى 100مىليون ياۋرو، رونالدونىڭ 94 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش باھاسىنى بۇزۇپ تاشلىدى دەپ خەۋەر بېرىدۇ. بىراق «ماركا گىزىتى» بىلەن «ئا س گىزىتى» بېلنىڭ يۆتكىلىش ھەققىنى 91 مىليون ياۋرو دەپ ئېلان قىلىدۇ. بېل مادرىدقا قوشۇلغان دەسلەپكى مەزگىل يارلىنىش سەۋەبىدىن ئىپادىسى تازا ياخشى بولمايدۇ، ھەمدە «ساختا مال» دەپ قارىلىدۇ، لېكىن يارىسى ساقايغاندىن كېيىن قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ساختا مال ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 2013-يىلى بارسېلونا كۇلۇبىمۇ نېيمارنى قوشۇۋالغان بولۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى بېل بىلەن نېيمارنىڭ يېڭى كۇلۇبتىكى دەسلەپكى يېرىم پەسىللىك نەتىجىسىنى سىلىشتۇرۇپ چىقىدۇ. بېل ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 788 مىنۇت مۇسابىقە ئويناپ سەككىز توپ ئۇرۇپ، تۆت ياردەمچى پاس چىقارغان، ئۇزغۇنلۇق بىلەن شاھلىق لوڭقىسىدىكى ۋاقتىنى قوشسا بېل 1255 مىنۇت مۇسابىقە ئويناپ 10 توپ ئۇرۇپ، يەتتە ياردەمچى پاس چىقارغان. نېيمار ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، ئۇزغۇنلۇق، شاھلىق لوڭقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەردە 1843 مىنۇت مۇسابىقە ئويناپ، 11 توپ ئۇرۇپ، 10 ياردەمچى پاس چىقارغان. ھېسابلاپ كەلگەندە بېل ھەر 74 مىنۇتتا بىر توپ ئۇرغان، نېيمار 88 مىنۇتتا بىر توپ ئۇرغان، بېلنىڭ ئۈنىمى نېيمارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. بېل مادرىدتىكى بىرىنچى پەسلى ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىدە 39 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 21 توپ ئۇرۇپ، 16 ياردەمچى پاس چىقارغان.

دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەھۋالى:

2006-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، 16 ياش 315 كۈنلۈك بولغان بېل ۋېلىش بىلەن توباگو كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولۇپ تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئەڭ ياش مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر بولۇپ قالغان. 2011-يىلى 2-ئايغىچە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 27 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۈچ توپ ئۇرغان. ۋېلىش چولپىنى گىگىس پۇتبولچىلىقتىن چېكىنگەندىن كېيىن پۈتۈن ۋېلىش خەلقى بېلنى گىگىسنىڭ ئىز باسارى دەپ قارىماقتا. بېل ۋېلىش كوماندىسى بىلەن 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىپ، ۋېلىش كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

تىخنىكا ئالاھىدىلىكى: ھۇجۇم قىلىش ئالاھىدىلىكى-9 نومۇر

بېل سول ھوجۇمچى، لېكىن ئوڭ ۋە ئوتتۇرا ھوجۇم، ئالدى بەل، ئارقا بەل، مۇداپىيە ھۆددىسىدىنمۇ چىقالايدۇ. ئىختىيارىي توپ تېپىش ئالاھىدىلىكىمۇ ياخشى.

توپ يەتكۈزۈش-9 نومۇر

بېلنىڭ توپ يەتكۈزۈش ئۈنىمىمۇ ياخشى بولۇپ، توتتېنھام ۋە مادرىدتىكى ۋاقتىدىمۇ يەتكۈزگەن توپلىرىنىڭ ئۈنىمى يۇقىرى بولغان.

توپ ئېلىپ مېڭىش-9 نومۇر

بېلنىڭ توپ ئېلىپ مېڭىش ماھارىتى ياخشى بولۇپ، توتتېنھام ۋە مادرىدتىكى ۋاقتىدا چەبدەس ھەركەتلىرى بىلەن توپنى ئېلىپ مېڭىپ ۋە يەتكۈزۈپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

سۈرئەت-10 نومۇر

بېلنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەچىلىرى يىتىشەلمىگىدەك سۈرئەتكە ئىگە.

كاللا توپ-8 نومۇر

بېل 2012-يىلدىن باشلاپ كاللا توپ ئۇرۇشنى مەشىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرقى كاللا توپ ئىقتىدارى خىلىلا ياخشى.

ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى (كۇلۇب):

جەنۇبىي ئامپتون

2006-يىلى ئېنگلاند ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى

توتتىنھام

2008-يىلى بىرلەشمە لوڭقا چېمپىيونى

2009-يىلى بىرلەشمە لوڭقىدا ئىككىنچى

خانلىق مادرىد

2013-2014-مۇسابىقە پەسلى شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونى

2013-2014-مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزۇغنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونى

2013-2014-مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى

2013-2014-مۇسابىقە پەسلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونى

2015-2016-مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونى

2015-2016-مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى

2015-2016-مۇسابىقە پەسلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونى

2016-2017-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى

ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى (شەخىسي جەھەتتىكى):

2007-يىلى ئېنگلاند PFA ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى مۇكاپاتى

2007-يىلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى مۇكاپاتى

2007-يىلى ۋېلىش پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى مۇكاپاتى

2009-2010-مۇسابىقە پەسلى توتتېنھام كۇلۇبىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى مۇكاپاتى

2010-يىلى ۋېلىشنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى

2010-يىلى BBC تەرىپىدىن ۋېلىش تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭلىق شەخىس مۇكاپاتى

2011-يىلى ۋېلىشنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى

2012-2013-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند PFA تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى مۇكاپاتى

2012-2013-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند PFA تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى مۇكاپاتى

2013-يىلى ۋېلىشنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى

2014-يىلى ۋېلىش پۇتبۇل ئەپەندىسى

2015-يىلى ۋېلىش پۇتبول ئەپەندىسى

2016-يىلى ۋېلىش پۇتبول ئەپەندىسى



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش