ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
دورتموند ئورگان تورىدا رېئۇسنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:53

نۇر تورى تەرجىمىسى:

دورتموند كۇلۇبى ئورگان تورىدا، كوماندىنىڭ يادرولۇق توپچىسى ماركو رېئۇسنىڭ ئوڭ تىز كرېست شەكىللىك سىڭىرىنىڭ بىر قىسىم تالالىرى يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. رېئۇس تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرىلىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. دورتموند كۇلۇبى ھازىر رېئۇسنىڭ قاچان مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ بىر قانچە ئاي ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

رېئۇس دورتموند بىلەن فىرانكفورت ئوتتۇرىسىدىكى گېرمانىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 8-مىنۇتىدا يارىلانغان بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا كوماندا دوختۇرىغا ئىزچىل تىزىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە مەيدان سىرتىدا ئۇزۇن داۋالانغان، بىراق يەنىلا ياخشى بولالمىغاچقا، كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىشتىن بۇرۇن ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن.

«سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رېئۇس يارىلىنىش سەۋەبىدىن تەخمىنەن ئالتە ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە ئارام ئالىدىكەن. دورتموند كۇلۇبى باشتا رېئۇسنىڭ كرېست شەكىللىك سىڭىرىنىڭ پۈتۈنلەي يىرتىلىپ كەتكەنلىكىدىن ئەنسىرىگەن، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئاز دېگەندە ئالتە ئاي دەم ئېلىشى كېرەك. دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ھازىرقى ئەھۋال ئۇلار ئويلىغاندىن كۆپ ياخشى بولغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش