ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
لىۋېرپول بىلەن يۇۋېنتۇس ئورگان تورىدا «ھېيسېل پاجىئەسى»دە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:56

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن ھېيسېل پاجىئەسى(Heysel Disaster)نىڭ 32 يىللىق خاتىرە كۈنى، شۇڭا لىۋېرپول ۋە يۇۋېنتۇس كۇلۇبلىرى ئورگان تورىدا شۇ قېتىملىق پاجىئەدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. 1985-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، يۇۋېنتۇس بىلەن لىۋېرپول ئوتتۇرىسىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى ئېنگلاند مەستانىلىرى بىلەن ئىتالىيە مەستانىلىرى توقۇنۇشۇپ قالغان، شۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا 39 ئادەم ئۆلۈپ، 300 نەچچە ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە يۇۋېنتۇس مەستانىلىرى كۆپ، شۇ قېتىملىق توقۇنۇشتىن كېيىن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېنگلاند كوماندىلىرىنى ئۈچ يىلغىچە ياۋروپا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشتىن چەكلىگەن.

ھېيسېل پاجىئەسىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، لىۋېرپولنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى ئانفېلد مەيدانىنىڭ كۆرۈش سۇپىسىدىكى ھېيسېل پاجىئەسىنى خاتىرىلەش تېمىغا گۈل تىزىپ قويغان. بۇنىڭدىن باشقا، لىۋېرپول كۇلۇبى بۈگۈن بايراقنى چۈشۈرۈپ، ھېيسېل پاجىئەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

1985-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، پۇتبول دۇنياسىغا نىسبەتەن خۇشاللىق بىر كۈن ئىدى، بىراق بۇ كۈن ئاخىرىدا پاجىئەگە ئايلانغان. قازا قىلغان 39 ئادەمنىڭ 32 نەپىرى ئىتالىيەلىك، تۆت نەپىرى بېلگىيەلىك، ئىككى نەپىرى فىرانسىيەلىك، بىر نەپىرى شىمالىي ئىرېلاندىيەلىك. بۇ قېتىملىق پاجىئەدە يەنە 300 نەچچە ئادەم يارىلانغان، شۇڭا مۇسابىقە بىر سائەت كېچىكىپ باشلانغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش