ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
بارسېلونانىڭ تەكلىپىنى ئاشكارە رەت قىلغان توپچىلار
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:54

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىسپانىيە زەردارى بارسېلوناغا قوشۇلۇشنى رەت قىلىش ئاسان ئەمەس، لېكىن بەزى توپچىلار بارسېلونانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار. ئۇنداقتا بىز بارسېلونانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان چولپانلارنى كۆرۈپ باقايلى.

گامېيرو: «ئەينى ۋاقىتتا بارسېلونا بىلەن مادرىد ئاتلېتكىنى تاللاشقا دۇچ كەلدىم، بىراق سىلەرچە مەن بارسېلوناغا قوشۇلسام نېمە قىلالايمەن؟ چۈنكى ئۇلاردا مېسسى، نېيمار ۋە سۇئارېز بار».

ئاسېنسىئو: «ئەسلى مېنىڭ بارسېلونا ياكى باشقا كۇلۇبقا قوشۇلۇش پۇرسىتىم بار ئىدى، بىراق مەن يەنىلا خانلىق مادرىدنى تاللىدىم».

داۋىد لۇئىز: «بارسېلونا بىر قانچە قېتىم مېنى قوشۇۋالماقچى بولغان، ھەممە ئىش جايىدا كېتىۋاتاتتى، بىراق مەن ئاخىرىدا يەنىلا پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلۇشنى تاللىدىم».

تىياگو سىلۋا: «ئۇدا ئىككى يىل بارسېلونانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىش ئاسانغا توختىمىدى».

كوكې: «بارسېلونانى رەت قىلىش ئىنتايىن قىيىن، بىراق مەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ مادرىد ئاتلېتكىدا قالدىم، چۈنكى بۇ مېنىڭ ئائىلەم».

گېرېرو: «بارسېلونانى رەت قىلىش ناھايىتى قىيىن، بىراق مېنى ھەقىقىي قايىل قىلغىنى يەنىلا دورتموند».

لېموس: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بارسېلونانى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس كوماندا دەيدۇ، ئەگەر 20 ياش ۋاقتىم بولغان بولسا ھېچنىمىنى ئويلاشماي بارسېلوناغا باراتتىم، بىراق ھازىرقى يېشىمدا لاسپالماس مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش».

رېئۇس: «بارسېلونا قوشۇلسام قايسى ئورۇندا ئوينايمەن؟»

سىرنا: «مەن دونستېك كان ئىشچىلار كوماندىسىدا كەسپىي ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، رەئىسمۇ ماڭا يېڭى توختام تەييارلىغانلىقىنى ئېيتتى، سىلەر مېنىڭ بارسېلوناغا يۆتكۈلىدىغانلىق خەۋىرىمنى ئاڭلىغان بولۇشىڭلار مۇمكىن، بىراق مەن بۇ يەردە ناھايىتى خۇشال ئۆتىۋاتىمەن، شۇڭا بارسېلوناغا قوشۇلۇشنىڭ ھاجىتى يوق».



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش