ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
پۇتبول ساھەسىدىكى ھەقسىز يۆتكەلگەن داڭلىق چولپانلار
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:04:59

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەر ئاخىرلىشىپ، يازلىق يۆتكىلىش بازىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئالدىنقى پەسىل ئىبراھىموۋىچ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ھەقسىز قوشۇلغان، ئىبراھىموۋىچتىن باشقا پۇتبول دۇنياسىدا ھەقسىز يۆتكەلگەن داڭلىق توپچىلارمۇ ئاز ئەمەس، داڭلىق ئاخبارات ۋاستىسى «442» تورى پۇتبول دۇنياسىدىكى ھەقسىز يۆتكەلگەن داڭلىق 10 چولپاننى تىزىپ چىقتى، ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ توپچىلارنى كۆرۈپ باقايلى.

باگگىئو: داڭلىق چولپان باگگىئو 1997-يىلى AC مىلاندىن بولوگنا كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان، ئۇ بولوگنادىكى قىسقىغىنە بىر پەسىلدە 30 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 22 توپ كىرگۈزگەن، ھەمدە مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە 3-ئورۇنغا تىزىلغان.

كىلوز: گېرمانىيەلىك بۇ چولپان 2011-يىلى بايرېن مىيۇنخېن بىلەن تۈزگەن توختامى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «كۆك بۈركۈت قوشۇنى» لازىئوغا ھەقسىز قوشۇلغان، ھەمدە لازىئودا كەسپىي ھاياتىدىكى ئىككىنچى باھارىنى كۈتۈۋالغان، شۇنداقلا لازىئو بىلەن ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

مەكمانامان: بۇ چولپان 1999-يىلى لىۋېرپولدىن ئايرىلىپ، خانلىق مادرىدقا ھەقسىز قوشۇلغان، ئۇ «سامانيولى جەڭ كېمىسى»گە قوشۇلغاندىن كېيىن كوماندىدىكى مۇھىم توپچىغا ئايلانغان، ھەمدە خانلىق مادرىد بىلەن ئىككى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا 2000-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىر توپ كىرگۈزگەن.

كامبېل: ئېنگلاندلىق بۇ توپچى 2001-يىلى توتتېنھامدىن ئارسېنالغا ھەقسىز قوشۇلغان، ئۇ ئارسېنالغا قوشۇلغان تۇنجى پەسىللا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ۋە ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ھەمدە كوماندىنىڭ 49 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتىنى يارىتىشىغا ياردەم بەرگەن.

كامبىئاسسو: ئارگېنتىنالىق بۇ چولپان 2004-يىلى خانلىق مادرىدتىن خەلقئارا مىلانغا ھەقسىز قوشۇلغان. ئۇ خەلقئارا مىلاندا 10 يىل توپ تېپىش جەريانىدا، بەش قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، تۆت قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

لارسون: شىۋېتسىيەلىك بۇ چولپان 2004-يىلى كېلىتلىقلار كۇلۇبىدىن بارسېلوناغا ھەقسىز قوشۇلغان. بۇ توپچى گەرچە بارسېلونادا ئاران ئىككى پەسىل توپ تەپكەن بولسىمۇ، بىراق بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن، ئۇ 2006-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، ئىككى ياردەمچى پاس بەرگەن، ھەمدە بارسېلونانىڭ چېمپىيونلۇق چۈشىنى رېئاللىقا ئايلاندۇرۇشىغا زور تۆھپە قوشقان.

لېۋاندوۋىسكى: پولشالىق بۇ ھۇجۇمچى 2014-يىلى دورتموندتىن بايرېن مىيۇنخېنغا ھەقسىز قوشۇلغان. ئۇ بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلغاندىن كېيىن تېزلا كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسىغا ئايلانغان، ھەمدە تۇنجى پەسىلدىلا كوماندا بىلەن گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، لېۋاندوۋىسكى توققۇز مىنۇتتا بەش توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنىمۇ ياراتقان(ئالدىنقى پەسىل ساھىبخان مەيداندا ۋولفسبۇرگ بىلەن بولغان بىرلەشمە مۇسابىقە).

پوگبا: يۆتكىلىش بازىرىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان فىرانسىيەلىك چولپان پوگبا 2012-يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ يۇۋېنتۇسقا ھەقسىز قوشۇلغان. ئۇ يۇۋېنتۇستا دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، يۇۋېنتۇسنىڭ ئۇدا بەش قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن، 2016-يىلى يازدا بولسا، 89 مىلىيون فوندستېرلىڭ(تەخمىنەن 761 مىليون يۈەن) باھادا مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلگەن.

رائۇل: «بېرنابۇ شاھزادىسى» رائۇل 2011-يىلى خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىپ، شالىك 04 كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان. شالىك 04 كۇلۇبىغا قوشۇلغان تۇنجى پەسىلدە، رائۇل كوماندا تارىخىدا رېكورت يارىتىپ، شالىك 04 كوماندىسى بىلەن ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە تۆت كۈچلۈككە كىرگەن. رائۇل شاىك 04 كۇلۇبىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كۇلۇب تەرەپ ئۇنىڭ 7-نومۇرلۇق كىيمىنى پىچەتلىۋەتكەن.

پىرلو: ئىتالىيەلىك چولپان پىرلو 2011-يىلى AC مىلاندىن ئايرىلىپ، يۇۋېنتۇسقا ھەقسىز قوشۇلغان. پىرلو مەيلى كونتى مەشقاۋۇللۇق قىلغان ۋاقىت ياكى ئاللېگرى مەشقاۋۇللۇق قىلغان ۋاقىتتا بولسۇن، كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسىغا ئايلانغان، ھەمدە يۇۋېنتۇس بىلەن تۆت قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش