ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
چېلسىنىڭ پەسىللىك مۇنەۋۋەر ماھىرى-خازارد
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:02

نۇر تورى تەرجىمىسى:

چېلسى بىلەن بىرلىكتە ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بېلگىيەلىك توپچى خازارد، مەستانىلەر تەرىپىدىن بۇ پەسىللىك ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى. شۇنىڭ بىلەن خازارد بۇ مۇكاپات يولغا قويۇلغان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككىنچى بولۇپ ئۈچ پەسىل پەسىللىك مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالانغان توپچىغا ئايلاندى. بېلگىيەلىك بۇ توپچى چېلسىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق ماھىر بولۇپ، بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 16 توپ كىرگۈزگەن، شۇڭا مەستانىلەر تەرىپىدىن چېلسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالاندى.

چېلسى 2014/2015-پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇ پەسىل خازارد كوماندىنىڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ 2013/2014-پەسىللىك مۇسابىقىدىمۇ چېلسىنىڭ پەسىللىك مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغان، بۇ قېتىملىقىنى قوشقاندا، خازارد تۆت يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم پەسىللىك مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى. خازارد بۇ نەتىجىسى بىلەن لامپاردنىڭ ئۈچ قېتىم پەسىللىك مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالىنىشتەك رېكورتىغا يېتىشىۋالدى، لامپارد 2004-يىلى، 2005-يىلى ۋە 2009-يىلى چېلسىنىڭ پەسىللىك مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغان.

خازاردتىن باشقا، كوماندىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان تېررىي بىلەن ياردەمچى مەشقاۋۇل خوللاند ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. تېررىي كەسپىي ھاياتىنى چېلسىدا ئۆتكۈزگەن، ئۇ كوماندا بىلەن بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بەش قېتىم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە بەش قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. تېررىينىڭ توختامى بۇ يىل 6-ئايدا ئاخىرلىشىدىغان بولغاچقا، ئۇ چېلسىدىكى 22 يىللىق كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ياردەمچى مەشقاۋۇل خوللاند چېلسىدىكى سەككىز يىل جەريانىدا كوماندا بىلەن ئاساسلىق چېمپىيونلۇقنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكەن، ئالدىنقى پەسىل مورىنھو ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل كوماندىغا باش مەشقاۋۇل بولغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش