ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ماھىرلار قاتارىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى
مەنبە : خەلق تورى
2017-10-07 12:41:38
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، خۇنەن چېنجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىللىق ئاسىيا ۋاسكېتبول كۇلۇبى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى» دەپ ئاتىلىدۇ) شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىغا كىردى. فىلىپپىن بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشى ئالدىدا، ئابدۇسالام بىلەن چەت ئەللىك ماھىر بلاتچى قاتارلىقلارنىڭ مەيدانغا چىقالماسلىقى بىلەن بىر مەھەل شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئىچكى سېپى جىددىيلەشتى، بىراق ئاخىرقى چارەكتە، «پۈتۈن جۇڭگو كوماندىسى»نىڭ راۋان ھۇجۇمى بىلەن، شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرىدا فىلىپپىن بىرلەشمە كوماندىسىنى 70كە قارشى 86 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ئۇلار يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قازاقىستان ئاستانە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ.

  سانلىق مەلۇمات جەھەتتە، ئادامس 23 نومۇر ئېلىپ، گاردىن قايتقان توققۇز توپنى تارتىۋالدى، شىرئەلىجان ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن ئالتىنى كىرگۈزدى ھەمدە 20 نومۇر ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش