ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار تەنھەرىكەت يىغىنى خاڭجۇدا ئېچىلدى
مەنبە : خەلق تورى
2017-10-07 12:41:41
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- چېسلا كەچتە، مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاڭجۇ خۇاڭلۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلغانلىقىنى جاكارىلىدى.

  بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولسا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە «ئىتتىپاق بولۇش، قەھرىمانە ئىلگىرىلەش، مەدەنىي بولۇش ۋە ئادەم تەربىيەلەش»نى مەقسەت قىلىپ، «روھنى ئۇرغۇتۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بەس-بەستە توختىماي چېپىش»نى ئاساسىي تېما قىلىپ، پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى مەكتەپلەر تەنتەربىيە خىزمىتى ۋە ساپا مائارىپىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى تولۇق نامايان قىلىپ، ھازىرقى زامان ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە دەۋر خىسلىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلىدۇ.

  پۈتۈن مەيداننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تەرتىپى ئېچىلىش مۇراسىمى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنلىرى ۋە ئوت يېقىش مۇراسىمى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ بىلەن جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى يۈەن جياجۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش