ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون كوماندا CBAنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە توختاپ قالدى
مەنبە : خەلق تورى
2018-04-06 16:26:53
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017 – 2018 - مۇسابىقە پەسلىدىكىCBA نىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون بولغان شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن قۇرۇق قالدى. پۈتكۈل مۇسابىقە پەسلىگە نەزەر سالساق، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى خۇددى بىر ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈۋالغاندەك ئەركىن نەپەسلىنىپ باقمىدى، ھالىتى مۇقىمسىز بولۇپ، نەتىجىسى لىڭشىپ تۇردى. ۋاھالەنكى دەل چەت ئەللىك ماھىر بلاتچى بۇ «ئۆزۈم يېسەم سېسىق ئېـشىم، تاشلاي دېسەم ئىسىت ئېشىم»غا ئوخشايدىغان يۈك بولۇپ قالدى.

  مۇسابىقە پەسلى كىرىشى بىلەن، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بلاتچى كونا زەخمىسى ساقايمىغانلىقتىن، دائىم مۇسابىقىگە قاتناشمىدى. نورمال مۇسابىقىدە قىسقا ۋاقىت مەيدانغا چىققان بەش مەيدان مۇسابىقىدىكى ھەربىر مەيداندا، ئوتتۇرىچە پەقەت 12.8 نومۇر ئېلىپ، 6.4 گاردىن قايتقان توپنى تارتىۋالدى، ئۇنىڭ ئىپادىسى توپ مەستانىلىرى قەلبىدىكى تەڭداشسىز ئوبرازى بىلەن ناھايىتى چوڭ پەرقلەندى. ئادامس يالغۇز قېلىپ ئۈنۈمى ناچار بولغانلىقتىن، شىنجاڭ كوماندىسى ئىككى قېتىم مەجبۇرىي ھالدا چەت ئەللىك ماھىرنى ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىردى. لېكىن توپتوغرا ئادەتتىكى بىر مۇسابىقە پەسلى قىينالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە ئۇنى يەنىلا داۋاملىق ئىشلىتىۋېرىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك سەۋەبى بار:

  ئۈچ يىللىق يۇقىرى مائاشلىق توختام. 2015-يىلى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلاتچى بىلەن ئۈچ يىللىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ «كېيىن جوۋچى» دەۋرىدە شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى باشقا ئىچكى سەپتىكى چەت ئەللىك ماھىرنى ئالماشتۇرۇشتىكى ۋاقىت تەشەببۇسكارلىقىدىن مەھرۇم قىلدى. نۇرغۇن تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان 2 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق يىللىق ئىش ھەققى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەگەر ئادەتتىكى مۇسابىقىدىن كېيىن بىلاتچى بىلەن توختامنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئاران بەش مەيدان توپ ئوينىغان بىلاتچىنىڭ ھەر مەيدان ئىش ھەققى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇ تېخى كوماندىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن داۋالاش، ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇنداق يۇقىرى «ئايرىلىش» چىقىمى ۋە مۇسابىقە ئالدىدا ئادەم ئالماشتۇرغاندا ئىش ھەققىنى كېڭىشىش جەھەتتىكى پاسسىپلىق ۋە ئۈنۈمنىڭ ئېنىقسىزلىقى شىنجاڭ كوماندىسى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ قارار چىقىرىشىنى قىيىن ئەھۋالدا قويدى.

  چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىشقا بولغان ئىنتىزارلىق. جوۋ چى، لو شۇدۇڭ كوماندىدىن ئايرىلغاندىن باشقا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان چاغدىكى ئەزالارنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ قالغان بولۇپ، چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش ئىرادىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جوۋ چىنىڭ مۇداپىئەگە ماسلىشىپ قوغدىشى كەمچىل ئەھۋالدا، بلاتچىنىڭ ھۇجۇمدا كۈچلۈك، مۇداپىئەدە ئاجىز بولۇشتەك كەمچىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەنسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ مول ھۇجۇم قىلىش ۋاسىتىسى ۋە ئاچقۇچلۇق ۋاقىتلاردىكى ھۇجۇم كۈچىدىن ۋاز كېچىش تەس. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈچ مۇسابىقە پەسلىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، شىنجاڭ كوماندىسى «نەيزە» بىلەن «قالقان»دىن بىرىنى تاللاشتىكى دىلغۇللۇق ئىچىدە «نەيزە»نى تاللاپ، دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلارنىڭ بىلاتچىنىڭ مۇداپىئە جەھەتتە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى ئازايتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  بلاتچى نامايان قىلغان ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ئاكتىپ پوزىتسىيەسى باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكىغا بېرىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە، ئۇ كۆپ قېتىم سىن ئەۋەتىپ، مەشىق ئۈنۈمىنى دوكلات قىلدى؛ كوماندىغا قايتىپ كۈندىلىك مەشىق قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ تىرېنېر ۋە كوماندا ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىمۇ بىرقەدەر كۆپ بولدى؛ مۇسابىقە مەيدانىدا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سەۋەنلىكنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلدى، يەنە غەزەپ بىلەن چاچ بېغىنى ئېتىپ، مېھمان كوماندىنىڭ زاپاس ئەزالار ئورنىغا بېرىپ زاكونلاشتى... ھەر خىل ئىپادىسى ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەمنى ئۇنىڭ راستىنلا كوماندىنى قۇتقۇزۇشنى ئويلايدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى.

  ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ مۇرەككەپ تاللاشنىڭ يەنىلا ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى. 22- مارت شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شاللىنىپ قالدى، لى گېن مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدىن پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسىدىكى بىرىنچى ئايلانمىدا مۇشۇنداق ھالەتكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن»، دېدى. گەرچە لى گېننىڭ ئېيتقىنى پەقەتلا كوماندىنىڭ ئومۇمىي ھالىتىدىكى ئېگىز-پەسلىك بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر مۇنداق بىر پاكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ، يەنى بلاتچى بۇ ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب.

  ئۈچ مەيداندا ئۇتتۇرۇپ قويغان نومۇر 20دىن ئاشقان مۇسابىقىلەردىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى لى چيۇپىڭ ھەر قېتىم «قايتىپ مۇداپىئە قىلىش سۈرئىتى ئاستا، مۇداپىئەگە ئانچە كۆڭۈل قويمىدى» دېگەنگە ئوخشاش باھانى تەكرارلىدى. پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقە مەيدانىدا ئوتتۇرىچە 4.5 قېتىم سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بلاتچى گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمەيلا قالماي، بارلىق ئەزالار ئۆز ئورنىدا تەق بولۇپ مۇداپىئە قىلغاندىمۇ، بلاتچى ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلگەن ھالقا بولۇپ قالدى. ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە، 3-مەيداننىڭ ئاخىرقى چارىكىدىكى پارتلاش ھەقىقەتەنمۇ سىرلىق بولۇپ، كوماندىنى ئۇدا يېڭىلىشتىن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نۇرغۇن توپ ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، رېتىمنى ئېغىر دەرىجىدە ئاستىلىتىشىنىڭ سەلبىي ئۈنۈمى تېخىمۇ روشەن بولدى.

  ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيون كوماندىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە توختاپ قېلىشى ئەلۋەتتە ئەپسۇسلىنارلىق، لېكىن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈچۈن يامان ئىشمۇ ئەمەس. بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بلاتچىنىڭ توختام مۇددىتى توشىدۇ، «گالغا كەپلىشىپ قالغان تەمسىز تاماق»مۇ ئاخىرى چىقىپ كېتىدۇ. بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى خىلمۇخىل مۇرەككەپ ئويلىنىش ۋە تاللاشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى كەسپىي تەربىيەسى ۋە مۇسابىقە سەۋىيەسى ئوخشاش ياخشى بولغان چەت ئەللىك ماھىرنى قانداق تاللاش، توختام ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق چەت ئەللىك ماھىرنىڭ كوماندىغا ئاكتىپ تەسىر ئېلىپ كېلىشىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوقۇم تېخىمۇ زور تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش