ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
خان مادرىد كوماندىسى داۋاملىق غەلىبە قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2014-01-31 19:45:26
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى نۇر تور تەرجىمىسى
ئۈرۈمچى ۋاقتى 1- ئاينىڭ 29 - كۈنى 02:00 ئىسپانىيە ۋاقتى 28- يانۋار 21:00 دە، 2013-2014- پەسىللىك ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى بېرناۋو پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىپ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئىسپانلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، خان جەمەتى مادرىد كوماندا ئەزاسى ئارونسو ياردەمچى پاس بېرىپ، كوماندا ئەزاسى خېسەين بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1-0 نەتىجە بىلەن ئىسپانلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئومۇمى نەتىجە 2-0 بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 112 يىلدىن بۇيان ئۇدا سەككىز مەيدان توپ كەتكۈزۈپ قويمىغان تۇنجى كوماندا بولۇپ قالدى، قاپقۇچى ئەزا كاسىلىياس ئۇدا توپ كەتكۈزۈپ قويماسلىق رېكورتىنى ساقلاپ كەلدى.







...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش