ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
ئانتون نيۇيورك نىكىس كوماندىسىدا داۋاملىق قالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
مەنبە : نۇر تورى
2014-07-16 19:48:21
نۇر تورى تەرجىمىسى :
بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، كامىلۇن ئانتون ئۆزىنىڭ شەخسى تور بېتىدە رەسمىي ھالدا نيۇيوركتا قالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
‹نەچچە يىل بۇرۇن مەن ئۆزۈم تۇغۇلغان يۇرتۇم نيۇيورك شەھىرىگە قايتىشىمنى ئارزۇلىدى، 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى. بۇ كۇلۇب مېنىڭ ئارزۇيۇمنىڭ رېئاللىققا ئۆزگىرىشىگە ياردەم قىلدى، بۇنىڭغا جاۋابەن مەن داۋاملىق قېلىشنى قارار قىلدىم، نيۇيورك شەھىرى شۇنداقلا كوماندىدىكى سەپداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسىمىزنى يارىتىمەن. كەسپى ھاياتىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا مەن ئائىلەم ۋە ئۆزۈم ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشۈم كېرەك، شۇنداق بولسىمۇ بۇ مەزگىللەردە مەن ھېچقاچان نيۇيوركتىن كېتىشنى ئويلاپ باقمىدىم›
‹بۇ ئارىلىقتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن كوماندىلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن مۇنەۋۋەر كوماندىلار بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ مېنى تەكلىپ قىلغىنىغا مەن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئىقتىدارىمغا ئىشەنچ باغلىغانلىقىغا ماڭا تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بوشلۇق ئاتا قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ھاياتىمنىڭ بىر باسقۇچى بولغان بۇ مىنۇتلارنى مەن يۈرىكىمدە مەڭگۈ ساقلايمەن. ئاخىرى مەن كۆڭلۈمدىكى ئارزۇيۇمدەك داۋاملىق نىكىس كوماندىسى ئەزاسى بولۇشنى قارار قىلدىم. مەن ئاشۇ قىزغۇچ كۆك مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىشكە تەقەززار، شۇنداقلا فېر جېكسونغا ئوخشاش ئۆز قولى بىلەن كۆپلىگەن چېمپىيون كوماندىلارنى قۇرغان ئۇلۇغۋار كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ خالايمەن. مادىسون خەلق مەيدانى باغچىسى بولسا ۋاسكېتبول تەنھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكى، مېنىڭ ئەتراپىمدىكى بولسا پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار توپ مەستانىلىرى›
تۈنۈگۈن سەھەردە، ئانتون ئومۇمى قىممىتى 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بەش يىللىق توختامنى قوبۇل قىلىم ئىمزالىدى. بۇندىن بۇرۇن ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىكاكو بۇقا كوماندىسى، ھيۇستۇن راكېتا كوماندىسى، داللاس موزاي كوماندىسى ۋە لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى قاتارلىق كوماندىلار بىلەن ئۇچراشقانىدى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش