ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
گۇاڭدۇڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىدا چېمپىيون بولدى
مەنبە :
2013-09-15 14:58:46

2013-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت يېغىنىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشى بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىر مەزگىل خېلى يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۈستۈنلىكتە تۇردى، گەرچە لىياۋنىڭ كوماندىسى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە زور غەيرەت قىلىپ نومۇر پەرقىنى ئىككى نومۇرغا كىچىكلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇپ بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، يەنى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى 69-63 نەتىجە بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. لىياۋنىڭ كوماندىسىمۇ 1997-يىلىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىنىڭ ئىككىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى.





...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش