ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
ئۆزىل ياردەمچى پاس بېرىپ، ئارسېنال كوماندىسى 3-1 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى
مەنبە :
2013-09-15 14:58:47
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى نور تور تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 14- كۈنى 23:00 (ئەنگلىيە ۋاقتى 14- سېنتەبىر 16:00 ) دە، 2013-2014 - پەسىللىك ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى 4- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ھۆرلۈك پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، ئارسېنال كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا ساندېرلاند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئارسېنال كوماندا ئەزاسى ئۆزىل ياردەمچى پاس بېرىپ، كوماندا ئەزاسى گېرۇ ئالدىن بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ ساندېرلاند كوماندا ئەزاسى گادنا بىر نوقتا توپنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى؛ ئارقىدىن ئارسېنال كوماندا ئەزاسى رامسېي ئىككى توپ كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئارسېنال كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 3-1 نەتىجە بىلەن ساندېرلاند كوماندىسى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىدىكى ئۈچىنچى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
ئىككى كوماندا تارىختا 144 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، ئارسېنال كوماندىسى 55 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 39 مەيدان تەڭلىشىپ، 50 مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، بىرئاز ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغانىدى، ئىككى كوماندا ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقە تارىخىدا 24 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، ئارسېنال كوماندىسى 13 مەيدان غەلىبە قىلىپ، سەككىز مەيدان تەڭلىشىپ، ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان، قارشى تەرەپ مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە، بەش مەيدان غەلىبە قىلىپ، تۆت مەيدان تەڭلىشىپ، ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى.














ساندېرلاند 1-3 ئارسېنال

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش